بەدەن ئورگانىزملىرىمۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش قېرىپ ئاجىزلىشىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىقلا ئورگانىزملارنىڭ قېرىش ئەھۋالىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
بىر پۇت بىلەن تىك تۇرۇش: ئىككى قولنى سېلىپ، بەدەنگە چىڭ چاپلاپ، كۆزنى يۇمۇپ، بىر پۇتلاپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن مىدىرلىماي تۇرالايدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا ئاساسەن قېرىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. كونكرېت ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى مۇنداق30-~35 : ياشلىق ئەرلەر ۋە 40-49 ياشلىق ئاياللارنىڭ 9.9 سېكۇنت ئەتراپىدا، 40-49 ياشلىق ئەرلەر ۋە 50~59 ياشلىق ئاياللارنىڭ 8.4 سېكۇنت ئەتراپىدا، 50-59 ياشلىق ئەرلەر ۋە 60-69 ياشلىق ئاياللارنىڭ 7.4 سېكۇنت ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسا قېرىشى سەل تېزرەك بولۇپ قالغان بولىدۇ.
بىناغا چىقىش: ھەربىر قەدەمدە ئىككىدىن پەلەمپەينى دەسسەپ تېز سۈرئەتتە بەش قەۋەتلىك بىناغا چىقالىسا، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى؛ پەلەمپەينى بىردىن - بىردىن دەسسەپ بەش قەۋەتلىك بىناغا چىقالىسا ھەم ئانچە بەك ھاسىراپ كەتمىسە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى؛ پەلەمپەينى بىردىن - بىردىن دەسسەپ بەش قەۋەتلىك بىناغا چىقالىسىمۇ بەك ھاسىراپ كەتسە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىپ بولغىچە ھېرىپ ھاسىراپ ھالىدىن كەتسە چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كۆرۈش كېرەك.
قورساق قاتلاش: بىر مىنۇت ئىچىدە 30 ياشلىق ساغلام كىشىلەر ئاز بولغاندا 40 قېتىم، 40 ياشلىقلار ئاز بولغاندا 35 قېتىم، 50 ياشلىقلار ئاز بولغاندا 25 قېتىم، 60 ياشلىقلار ئاز بولغاندا 25 قېتىم قورساق قاتلىيالىشى كېرەك.
تومۇر سوقۇش: ئۈچ قېتىملىق تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنى ئۆزئارا قوشۇپ، ئۇنىڭدىن 200 نى ئېلىۋېتىپ 10 غا بۆلگەندە، نەتىجىسى 0-3 كىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى؛ 3-6 گىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى؛ 6- گىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى؛ 9-12 گىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 12 دىن يۇقىرى بولسا چوقۇم تېزدىن داۋالىتىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ