چېچەكسەينىڭ كېسەل داۋالاش رولى

0 2012-08-27 11:34:05   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       چېچەكسەيدىن 30 گىرام، لىپەك گۈلدىن 10-15 گىرام، ئۆردەك تۇخۇمىدىن 1-2 دانىگىچە (سېرىقىنى چۇۋۇۋەتمەي) مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ قاتنىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ، چېچەكسەينى ۋە ئۆردەك تۇخۇمىنى يەۋەتسە، چىش ئاغرىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
       قۇرۇق چېچەكسەيدىن 60 گىرام، قۇرۇق قېرىنقۇلاقتىن 15 گىرام ئېلىپ، سۇغا 1 سائەت چىلاپ پاكىز يۇيۇپ، سۇدا يېرىم سائەت قاينىتىپ، ئاق شېكەردىن قوشۇپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىش كېرەك. كۈندە 1 ۋاقتىن ئۇدا 7-10 كۈنگىچە ئىچسە، سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش، ئاغرىتىپ كېلىش ۋە قىستاشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
       قۇرۇق چېچەكسەيدىن 30 گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە 2 قېتىمدىن ئۇدا 3-5 كۈنگىچە ئىچسە، چارچاشتىن پەيدا بولغان كۆكرەك ۋە بېقىن ئاغرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
       چېچەكسەي يىلتىزىدىن 30 گىرام، گۈلسامساقتىن 40 گىرام ئېلىپ قاقلاپ قۇرۇتۇپ، تالقان قىلىپ، ھەر قېتىمدا 3 گىرامدىن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن كۈنىگە 2-3 قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ.
      ھەر ئادەمنىڭ بەدەن ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇ مەخپىي رېتسىپلارنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر