خەۋەرلەردىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئىران نېفىت مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ تۈركمەنىستان بىلەن خام نېفىت ياكى نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا تەبىئىي گاز ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
يېقىندا، ئىران دۆلەتلىك تەبىئىي گاز ئېكسپورت شىركىتى (CEGIN) نىڭ لىدىرى zhgamradiB niessoH مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران خام نېفىت ياكى نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا شەرقىي شىمالىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي گازىنى ئالماشتۇرۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر يىلىغا 14 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى ئىرانغا ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ.
2011- يىلى 9 - ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يېڭى تەبىئىي گاز كومپرېسسور پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، تۈركمەنىستان ئىرانغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى ئېشىشى مۇمكىن. مۆلچەرلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ تەبىئىي گاز كومپرېسسور پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە تۈركمەنىستاننىڭ يىللىق تەبىئىي گاز ئېكسپورت مىقدارى 2 مىليارد كۇب مېتىر ئاشىدىكەن.
جۇڭگو ئاخبارات تورى : شۇ يەر ۋاقتى 31- ئىيۇل ، 2012- يىللىق لوندو...
نىجاد ئېران نىفىت پىشقلاشنى توختىتىشى كېرەك چۈنكى چوڭ دۆلەت...
روسىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئەركىن نامايىش قىلىش ھوقۇقى تەلەپ قى...
كازافىنىڭ ئوغلى سەيىف لىۋىيەدە ئادىللىققا ئىرىشەلمەيدۇدېد...
ئالتۇن مىدالغان ئىرىشكەن قازاقسىتانلىق قىز زۇلپىيە ئەسلىدە...