قازاقىستان ‹كازئاگرو› شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى قازاقىستاننىڭ گۆش باھاسىنىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن تەڭلىشەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەگەر كالا گۆشى، قوي گۆشى ۋە چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى رۇسىيە ياكى بېلورۇسسىيەنىڭكىدىن تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا بارلىق گۆش مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا ئىشلار بۇنداق ئەمەس.
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالمۇتا شەھىرىدە گۆشنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن10 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئەگەر ھازىرقى باھاسى رۇسىيەنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئۇنداقتا گۆشنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى20-15 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. قازاقىستان بازىرىدىكى گۆش ساتقۇچىلار گۆش باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنىڭ %50 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇرۇن بىر قېتىمدىلا 10 كىلوگىرام سېتىۋالىدىغانلىقىنى، ھازىر بولسا بۇنداق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ توپ سېتىۋالغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ قازاقىستاندىكى گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى %29 ئۆرلىگەن. گەرچە ھۆكۈمەت باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆرلەپ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشى دۆلەتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە يەتكەن.
‹كازئاگرو ماركېتىڭ› پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى دىرېكتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئىنتايىن پايدىلىقكەن، چۈنكى ئۆز دۆلىتىنىڭ خام ماتېرىيالىغا بولغان قىزىقىش پەيدا بولغانلىقتىن، تەبىئىي ھالدا بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشتەك غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ پەيدا بولغان.
نۆۋەتتە، قازاقىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ گۆش باھاسى يېقىنلىشىپ قالدى: قازاقىستاندا گۆش باھاسى 289 تەڭگە( تەخمىنەن 6.7 ئامېرىكا دوللىرى)، رۇسىيەدە گۆش باھاسى 1070 تەڭگە (3.7 ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى گۆش باھاسى ئاللىبۇرۇن يېقىنلىشىشقا باشلىغان، پات ئارىدا بىرلىككە كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىرلىككە كەلگەن رايونلاردا بىرلىككە كەلگەن باھا يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن.
‹كازئاگرو› شىركىتى تاموژنا ئىتتىپاقدىشى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، قازاقىستان رىقابەت ئارقىلىق دۇنيادىكى ئاساسلىق گۆش مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلىنىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە.
ھەمبەھىرلىنىڭ