قازاقىستان ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلار بىرلەشمىسىنى قۇردى

0 2012-07-17 11:41:42   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئومۇم خەلقنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى يەر شارى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىدە ‹ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلار بىرلەشمىسى› نى قۇردى.
      بۇ كارخانىلار بىرلەشمىسى ئاساسلىقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش تېخنولوگىيەسى، مەھسۇلاتلىرى، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماتېرىياللىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش ۋە ئىستېمال قىلىش ساھەلىرىگىچە ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ سانائەتتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى تېزلىتىش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ھالدا يۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت يۆنىلىشى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى تۆۋەنلىتىپ، پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئازايتىش؛ سانائەت ۋە پۇقراۋى كەسىپلەر ساھەسىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ سۈنئىي ئامىللارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن تەسىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىش.
      مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ نۆۋەتتە ھەممىدىن ئاۋۋال ئىشلەيدىغان خىزمەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، يېقىن كەلگۈسىدە مۇھىت ئاسراش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇشلارنى لايىھەلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئىمارەت ئۆلچەملىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاھالە ئولتۇراق بىنالىرى، مەمۇرىي بىنالار ۋە سانائەت بىنالىرىنىڭ كەسىپلەشكەن قۇرۇلۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە يەتكەن ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى يەر شارى فوندى جەمئىيىتىنىڭ پىلانى بويىچە، مەزكۇر بىرلەشمە دۆلەت، جەمئىيەت، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا زىچ ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى يەر شارى فوندى جەمئىيىتى 1991 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 182 دۆلەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، 2700 تۈرگە ياردەم بەردى. بۇ جەمئىيەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي پۇل ئىئانە تەشكىلاتىدۇر، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پۈتكۈل يەر شارى مۇھىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر