تاجىكىستان قىرغىزىستاندىن بۇرۇن تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرەلمەيدۇ

0 2012-07-17 11:40:35   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ساينت پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا، پەقەت قىرغىزىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغاندىن كېيىنلا، تاجىكىستاننىڭ بۇ ئىتتىپاققا كىرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا قىرغىزىستاننى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىش قارارى ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ, قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش پىلانىنى تۈزۈش ۋە قەرەللىك ھالدا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىش ھاۋالە قىلىندى. قىرغىزىستان 2011 - يىلى ئەتىيازدا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئىلتىماسىنى سۇنغانىدى.
      پۇتىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىردەك ھالدا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن تاجىكىستان ۋاقتىنچە بۇ ئىتتىپاققا كىرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش ئەمەس، پەقەت بۇ دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش بولغان قىرغىزىستاننىڭ ئىتتىپاققا كىرىش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىنلا، تاجىكىستاننىڭ ئىتتىپاققا كىرىش مەسىلىسىنى يىغىن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
      قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن، ئىتتىپاققا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئانالىز قىلىشى، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي نۇقتىدىن تەييارلىق كۆرۈشى ھەمدە بۇ قائىدە - تەرتىپلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي ساھەلىرىدە قوللىنىشى كېرەك.
      تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى باشقا دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلگەن تەشكىلاتلاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى قازاقىستاننىڭ تەكلىپى بويىچە ىۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.
      ئۇكرائىنانىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي مۇھىتقا كىرىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ئۇكرائىنا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تاللىشى. پۇتىننىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئوبيېكتىپ قاراش ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش خاھىشىنى ئامالنىڭ بېرىچە بىلدۈرمەسلىككە مەجبۇر قىلغان.
      رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەستايىدىل ھېسابلاپ كۆرىدىغان ۋە دەڭسەپ باقىدىغان بولساق، تۈرلۈك سىياسىي ۋەھىمىلەرگە قارىغاندا پارلاق كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا رۇسىيە ئۇكرائىنانى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىشكە مەجبۇرلىمايدۇ، ئەگەر ئۇكرائىنا مەلۇم تەرەققىيات باسقۇچىدا بۇ ئىتتىپاققا كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، بىز يەنىلا ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر