ئۆزبېكىستان قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشىنى چەكلىدى

0 2012-07-13 15:06:44   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قازاقىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، قازاقىستان تۈركمەنىستان ئارقىلىق جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنى 500 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان.
      قازاقىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باشلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: <جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىلەن زۆرۈر بولغان كېلىشىملەرنى ئىمزالاش ئارقىلىق، ئالماشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشتا كېلىشىم تۈزۈلۈپ، 2011 - يىلىدىن باشلاپ 2012 - يىلى قىشقىچە، ئۆزبېكىستاندىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تۈركمەنىستان ئارقىلىق جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىگە 500 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 120 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىگە توشۇلۇپ بولىدۇ>.
      veyabmuloT مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان ئۇدا قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشىنى چەكلەپ كەلمەكتە. ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قازاقىستان تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۆزبېكىستان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئەمما ئۆزبېكىستان يەنىلا قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز ئېقىمىنى چەكلەپ كەلدى> .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر