جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

0 2012-07-13 15:04:29   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاسىيا - ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو تۆمۈريولى بىلەن قازاقىستان تۆمۈريولى تۇتاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ 2 - تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ دېجياڭ، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئىسېكېشېۋ ئىشقا كىرىشتۈرۈش، تۆمۈريولنى تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمىغا بىللە قاتناشتى.
      جاڭ دېجياڭ مۇراسىمدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە ئىككى دۆلەت تۆمۈر يولىنى قورغاس - ئالتۇنكۆلدە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىۋاسىتە قارار قىلغان ۋە تۈرتكە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈرى بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭغا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى مۇجەسسەملەندى. قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى پۈتكۈل ئاسىيا - ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ 2 - تۆمۈريول لىنىيەسىمۇ بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا ئېچىلدى. ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ۋە تۆمۈريولنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلغانلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا جەزمەن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
      ئىسېكېشېۋ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز قازاقىستان - جۇڭگو قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەت تۆمۈر يولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ۋە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ ئىككى تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى زور ئىجادىيەت بولۇپ، دوستانە قوشنىلاردىن بولغان قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقى ۋە قويۇق دوستانە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جەزمەن تۈرتكە بولىدۇ.
      جاڭ دېجياڭ بىلە ئىسېكېشېۋ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئۈچۈن بىرلىكتە لېنتا كەستى.
      جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 6 - ئايدا رەئىس خۇ جىنتاۋ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى يېڭى پەللە قىلىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
      ئىسېكېشېۋ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز بۈگۈنكى ئىككى تۈرنىڭ پۈتكەنلىكىنى غەنىيمەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق يېڭى سەھىپە يارىتىشنى خالايدۇ.
      تۆمۈر يول مىنىستىرى شېڭ گۇاڭزۇ، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ لى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شياۋ ياچىڭ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چاڭ جۇڭشەن، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ پېيجۈن، دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى يۆ يۈچېڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خۇ ۋېي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ليۇ يەنلياڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا ۋە يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
      ئىگىلىنىشىچە، 2005 - يىلى 7 - ئايدا رەئىس خۇ جىنتاۋ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ <قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان، 2006 - يىلى 6 - ئايدا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ كۆلىمى 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىز تەرەپتىكى كۆلىمى 3.43 كىۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستان تەرپتىكى كۆلىمى 1.58 كىۋادرات كىلومېتىر ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر