قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بۈركۈت - قازاقىستان

0 2012-07-12 11:25:36   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەبىئىي بايلىقى ئىنتايىن مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان، غەربتە ئىچكى دېڭىز، شەرقىي جەنۇبتا جۇڭگو، جەنۇبتا قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان، شىمالدا رۇسىيە فېدېراتسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 2مىليون 71 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، پايتەختى ئاستانە (كونا پايتەختى ئالمۇتا ئىدى). نوپۇسى تەخمىنەن 71 مىليون 760 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، قازاق مىللىتى دۆلەت نوپۇسىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاندىن قالسىلا رۇسلار نوپۇسى كۆپ چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولۇپ، 131 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاق، رۇسلاردىن قالسا ئۇكرائىنالىقلار، ئۆزبېك، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار دۆلەت نوپۇسىنىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ ئۇنىڭدىن باشقا، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە پىراۋسلىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار.
      قازاقىستان تەبىئىي بايلىقىنىڭ مول ۋە خىلمۇخىل بولۇشى بۇ دۆلەتنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بىرقەدەر ياخشى بولغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن. قازاقىستاندا ھازىرغىچە ئېنىقلانغان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ تۈرى 90 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ۋولفىرام مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا، مىس، قەلەي، سىنىك مىقدارى جەھەتتە ئاسىيا رايونى بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنياغا مەشھۇر بايقوڭۇر ئالەم ئايروپىلانى قويۇپ بېرىش مەركىزى قازاقىستاندا بولۇپ، 1961 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى مۇشۇ جايدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن.
      1991 - يىلى 11 - ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ قازاقىستانمۇ مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت نامى قازاقىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى، دەپ ئاتالدى. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دۆلىتىمىز قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى ھەمدە كېيىنكى يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قازاقىستان بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
      شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، قۇلاي بولغان رايون ئەۋزەللىكى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك جەھەتلەردە زور ھەمكارلىق كېلىشىملىرى، ئەسلەتمىلەرنى ئىمزالاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ئاساسىدىكى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
      دۆلىتىمىز كارخانىلىرى قازاقىستاننىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىگە مەبلەغ سالدى ۋە ئېچىش جەھەتتە قويۇق ھەمكارلاشتى. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭىلا مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئالدىدا تۇرغان قازاقىستان ئىقتىسادىغا غايەت زور يۈكسىلىش پۇرسىتى، مۇقىم تەرەققىيات ۋە ئېشىش ئېلىپ كەلدى.
      قازاقىستان دۆلەت ئىچىنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى چەكلىك بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان نېفىتنىڭ % 80خەلقئارا بازارغا كىرىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستان نېفىت بازىرىغا كىرىشى ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇردى. 2005ىلى 5 - ئايدا قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولغاندا جۇڭگو - قازاقىستان نېفىت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئىچكى دېڭىز قىرغىقىدىن شىنجاڭ ئىچىگە سوزۇلغان مۇساپىسى 1500ومېتىردىن ئاشىدىغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە تاماملىنىپ، قازاقىستان جانلىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەگە ئىگە يېڭى چىقىش يولىنى تاپتى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو - قازاقىستان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە پۇختا ئاساس سېلىندى.
      2004ىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئىشلەپچىقارغان خام نېفىت ۋە ئويۇپ ئاجرىلىپ چىققان ماي 5 مىليون927 توننا بولۇپ، يېقىنقى بەش يىلدا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر قاتلانغان. 2008ىلى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش %57ئېشىپ، 28مىليارد 200ليون كۇب مېتىرغا، 2008ىلى 40ىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن. نۆۋەتتە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2015ىلىغا بارغاندا 1 مىليارد 500ليون توننا نېفىت قېزىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نېفىت سانائىتى دۆلەتنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ قالغۇسى.
      دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بۇنداق تېز ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشى قازاقىستاننىڭ شەھەرلىشىشى ۋە يېڭى پايتەختى ئاستانەنىڭ قۇرۇلۇشىنى غايەت زور مالىيە ياردىمى ئۈستۈنلىكىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ يېڭى پايتەختنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل ھالدا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. »ھەقىقەت گېزىتى« نىڭ خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2004ىلىلا ھۆكۈمەت يېڭى پايتەختنىڭ قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 540ليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجراتقان، شەھەر قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشىغا تاپشۇرغان. نەتىجىدە تەكشى كەتكەن بىر ئادەتتىكى تۈزلەڭلىكتە پۈتۈنلەي زامانىۋىلاشقان بىر شەھەر قەد كۆتۈرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر