ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئاھالىلار ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ھەر كۇب مېتىرىنى 79.9سۇمدىن 5.4994.5 سۇمغا ئۆستۈرگەن، كۆمۈر گازى سائىتى ئورناتماي تەبىئىي گاز ئىشلىتىپ تاماق ئېتىدىغان ۋە سۇ قاينىتىدىغان ئاھالىلەر ئىشلەتكەن گازنىڭ ھەر 10 كۇب مېتىرىدىن ئېلىنىدىغان ھەقنى 1381.4سۇمدىن 1633.9 سۇمغا ئۆستۈرگەن، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىدىغانلارنىڭكىنى 640.6 سۇمدىن 757.7سۇمغا ئۆستۈرگەن. بۇ قېتىملىق تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى 2011 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلانغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 600 گىراملىق ئۆلچەملىك قېلىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولكىنىڭ باھاسى400سۇمدىن 500 سۇنغا ئۆستۈرۈلگەن، ئۆسۈش نىسبىتى %25 بولغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ