قازاقىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ساۋئات مېنبايېۋ يېقىندا پايتەخت ئاستانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك ‹قازاقىستان ئېنېرگىيەسى› ياۋروئاسىيا مۇنبىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىدە تۆتىنچى نېفىت پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرۇش پىلانلاندى، لېكىن بۇ پىلان 2019 - يىلىدىن ئىلگىرى ئىشقا ئاشمايدۇ. شۇڭا قازاقىستاندىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ھازىر ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈچ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىلتىپاتىغا داۋاملىق تايىنىدۇ.
مېنبايېۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نېفىتچىلىك ساھەسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2020- 2019 - يىللىرىدىن كېيىن 1 نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرىدۇ. نۆۋەتتە، قازاقىستاندا جەمئىي 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، ئۇلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى 2015- يىلىدىن ئىلگىرى ئاياغلىشىدۇ. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن بۇ 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئومۇمىي نېفىت پىششىقلاش ئىقتىدارى 17 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىدۇ ھەمدە ياۋروپا -Ⅴ ئۆلچەملىك بېنزىننى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن ئىستېمال ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرغىلى بولىدۇ.
قازاقىستاندا يېڭى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇش توغرىسىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىرىنچى قېتىم ئەمەس، يېقىلغۇ قىس بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق جامائەت پىكرى تېخىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ. بىراق قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەنىلا نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدىن يەنە بىرنى قۇرۇش مەسىلىسىدە ئارىسالدى بولماقتا. خۇددى 2011 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنىدا كۆرسىتىلگەندەك، يېڭىدىن بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى قۇرۇش قازاقىستاننى ئىقتىسادىي جەھەتتە نەپكە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ يەكۈنىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلسە، تېخىمۇ قۇلايلىق ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
قازاقىستان ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئورژاس خۇدابەردىنوۋمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۆزقارىشىنى قوللايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغ بىر يېڭى كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغكە قارىغاندا خېلى ئاز ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ كۆرسەتتىكى، ھازىر ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ پىششىقلاش دەرىجىسى ۋە كارخانا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇزۇن جەريان يېقىلغۇ تەمىناتىنىڭ دەۋرلىك توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قازاقىستان ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھېسابلاپ چىققان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر زامانىۋىلاشقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى قۇرۇش ئۈچۈن 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدىكەن. ھالبۇكى، ھازىر نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بولسا پەقەت 3.0-2.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلا مەبلەغ كېتىدىكەن. بۇندىن باشقا، بىر زامانىۋىلاشقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى قۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھېسابلاشتا، يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجنىمۇ كۆزدە تۇتۇش كېرەككەن. ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يۈزلىنىش ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىكەن. شۇڭا تۆتىنچى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ھامىنى قۇرۇلىدىكەن، بۇ پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك مەسىلىسى ئىكەن.
2010 - يىلى قازاقىستاننىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى جەمئىي 13 مىليون 700 مىڭ توننا يېقىلغۇ ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بېنزىن مەھسۇلات مىقدارى 289 مىڭ 380 توننىغا، دىزېلىن مەھسۇلات مىقدارى704 مىڭ 380 توننىغا، ئېغىر ماي مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 177 مىڭ توننىغا، ئاۋىياتسىيە كىرسىنى مەھسۇلات مىقدارى 439 مىڭ 600 توننىغا يېتىدىكەن. گەرچە بۇ زاۋۇتلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قېزىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىمۇ ئوڭاي ئەمەسكەن. مەسىلەن: رۇسىيەدىكى ئومسك نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نورمىسى يىلىغا 19 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، دۆلەت ئىچى بازارلىرىنى تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. ھالبۇكى، قازاقىستاندىكى ئاتراۋ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 5 مىليون توننىغا يېتىدىكەن، چىمكەنت نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 5 مىليون توننىدىن سەللا ئاشىدىكەن، پاۋلودار نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى بولسا 5 مىليون 10 مىڭ توننا ئىكەن. گەرچە قازاقىستاندىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئومۇمىي يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 15 مىليون توننىدىن ئاشسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا پەقەت 17 مىليون توننىغىلا يېتىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، قازاقىستاندىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ تېخنىكىلىق سەرپىياتى بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، لايىھەلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يېتىش قىيىنكەن. شۇڭا نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، زاۋۇتلار ئىشتىن توختاپ كەتكەن، نەتىجىدە بېنزىن بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغان.
چىمكەنت نېفىت ئايرىش زاۋۇتى مەھسۇلات سۈپىتىنى ياۋروپا -Ⅲ ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، 2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ كاتالىزلاپ كراكىنگلەش ئۈسكۈنىسىنى قۇراشتۇرۇشقا قارىتا ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتە دەلىللەش ئېلىپ بارىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەگەر نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانسا، ئۇ ھالدا نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈنۈمدارلىقى %90 كە يېتىپ، يېنىك تەييار نېفىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئارتىدىكەن، بېنزىن يېقىلغۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ يۇقىرىلاپ، ياۋروپا -Ⅳ ۋە ياۋروپا -Ⅴ ئۆلچەملىرىگە يېتىدىكەن. پاۋلودار نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئىستىقبالىمۇ ئوخشاشلا كىشىنى خۇشال قىلىدىكەن. زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 7 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈنۈمدارلىقى %90 بولىدىكەن. بېنزىننىڭ سۈپىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا يۇقىرىلاپ، ياۋروپا -Ⅳ ۋە ياۋروپا -Ⅴ ئۆلچەملىرىگە يېتىدىكەن.
ھەرقانداق ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ، يېقىلغۇ ماي كەم بولسا تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا چوڭ تىپتىكى نېفىت پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان كىچىك تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. گەرچە چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ئامالنىڭ بېرىچە توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىچىك تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى باشتىن - ئاخىر توختاپ قالمىدى. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ كىچىك تىپتىكى نېفىت پىششىقلاش كارخانىلىرىلا دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدىكەن، شۇڭا يېقىلغۇ ماي بازىرىدىكى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بۇنداق كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ قۇرۇش كېرەككەن.
نۆۋەتتە، قازاقىستاندا 23 كىچىك تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ناچار بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش گۇۋاھنامىلىرى بىكار قىلىندى. قازاقىستاندىكى كىچىك تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە مۆلچەرلىگەندە، يىلىغا 28 مىڭ توننا بېنزىن، 365 مىڭ توننا دىزېلىن ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بۇ كۆرسەتكۈچلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %1 ۋا %8 ىنى ئىگىلەيدۇ.
2011 - يىلىنىڭ دەسلىپىدە، ئامانگېلكىن تەبىئىي گاز پىششىقلاش زاۋۇتى 3 مىليارد تەڭگە مەبلەغ سېلىپ، جامبۇل ئوبلاستىدا بىر كىچىك تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى قۇرغانىدى. بۇ زاۋۇت ھەر كۈنى 500توننىدىن ئارتۇق خام نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە100-80 توننا بېنزىن، 60 توننا كىرسىن،120توننا دىزېلىن ۋە 270 توننا مازوت ئىشلەپچىقىرالايدۇ. بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى شۇ جايدىكى ئامانگېلكىن نېفىت - تەبىئىي گاز قېتىشمىسى كېنى ياكى قوشنا بولغان قىزىل - ئوردا ئوبلاستىدىكى قۇمكۆلدىن چىقىدىغان خام نېفىتنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەزكۇر تۈر قازاقىستاننىڭ 2014-2010 - يىللىق سانائەتنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى رامكىسى ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىۋاتىدۇ. جامبۇل ئوبلاستىنىڭ باشلىقى قانات باۋزۇمبايېۋ ئامانگېلكىن تەبىئىي گاز پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: »كېلەر يىلىدىن باشلاپ جامبۇل ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت يەنە بايژاك، شۇسك ۋە ماركېن قاتارلىق رايونلاردا بىردىن مۇشۇنداق نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى قۇرىدۇ«. باۋزۇمبايېۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى زاۋۇتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاللىقاچان يەر ئاجرىتىپ بېرىلىپتۇ. بۇنداق كىچىك تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ھەر يىلى500 مىڭ توننىدىن 1 مىليون توننىغىچە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدىكەن. گەرچە بۇنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىلەن پۈتۈن دۆلەتنىڭ بېنزىنغا نىسبەتەن ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئوبلاستىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شۇسك رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنى رۇسىيە ۋە قازاقىستان شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا ئۈستىگە ئالىدۇ.
1102 - يىللىق پىلانغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستاننىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى 13 مىليون100مىڭ توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 2010 - يىلىدىكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى قىس بولۇشتەك ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 2011 - يىلى 10 - ئايدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيەدىن 13 مىڭ توننا يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى يېقىلغۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلەتتى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىلغۇ ئېكسپورت مىقدارى قازاقىستان يېقىلغۇ ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدىغان رۇسىيەدىن باشقا، يەنە جۇڭگونىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بىلەن خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەش شەكلىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئويلاشماقتا. 2011 - يىلى 9 - ئايدا مېنبايېۋ يەر شارى خەۋپ - خەتىرىنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹2014 - يىلىدىن ئىلگىرى رۇسىيەگە بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىز جۇڭگونىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم كارخانىلار بىلەن خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەش شەكلىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز ئالدى بىلەن بەلگىلىك مىقداردىكى خام نېفىتنى تەمىنلەيمىز، ئاندىن يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىننى ئىمپورت قىلىمىز. بۇنداق قىلغاندا بىز باھانى كېلىشىشتە خېلى زور ئەركىنلىكنى ساقلاپ قالالايمىز›. مېنبايېۋ مۇنداق دېدى: قازاقىستان تەرەپ ھازىر جۇڭگو مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بىلەن ‹0.1-1.5 مىليون توننا خام نېفىتنى تەمىنلەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن قايتۇرۇۋېلىش› مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىمىز. شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ تەدبىرنىڭ قوللىنىلىشى بېنزىن باھاسىغا قارىتا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ