1. سەپكۈل ۋە سېرىق داغ: تۇز بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا يۈز نۇرسىزلىنىپ، يۈزىگە سەپكۈل چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھايۋانات مايلىرى ۋە ئاقسىللار كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، جىگەرنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يېتىپ سەپكۈل تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. تېرىنى ياخشىلاشتىكى نىسبەتەن ئىلمىيراق ئۇسۇل ئۇسسۇزلۇقنى كۆپرەك ئىچىپ، تېرىنىڭ توكسىنلارنى ھەيدىشىگە ياردەم بېرىش، ھەم كۈندىلىك ئىستېمالدىكى تۇزنىڭ مىقدارىنى 6 گىرامدىن ئاشۇرماسلىق كېرەك.
2. چاچ چۈشۈش ۋە سارغىيىش: تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا چاچ چۈشۈپ، سارغىيىپ كېتىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، بۆرەك كۈچەيگەندە چاچ قارا ھەم پارقىراق بولىدۇ، بۆرەك ئاجىزلاشقاندا چاچ قۇرغاقلىشىدۇ ھەم سېرىق بولىدۇ.
3. يۈزى ئىشىش: ئىشىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولىدۇ، تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن. تۇز بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، بەدەندىكى سۇ مېتابولىزىمىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، بەدەندە سۇ تۇرۇپ قېلىپ ئىشىشنى پەيدا قىلىدۇ.
4. چىرايى نۇرسىزلىنىش ۋە قورۇق كۆپىيىش: تۇز بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا تېرە يىرىكلىشىپ قارىيىپ قالىدۇ، كۈن نۇرىغا قاقلانسا ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ قورۇق كۆپىيىپ كېتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ