شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى تەمىنلىگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا:29-ئىيۇن شىنجاڭ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان GS7554 -نۆۋەتلىك ئايروپىلان سائەت 12:25 دە ئۇچقان بولۇپ،سائەت 12:35 تە 6 نەپەر قارا نىيەت ئايروپىلاننى بۇلماقچى بولغاندا،ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان،ئايروپىلان كەينىگە قايتىپ خوتەن ئايرۇدىرۇمىغا بىخەتەر قونغان،6 نەپەر قارا نىيەت قولغا ئېلىنغان.قارا نىيەتلەرنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلار يىنىك يارىلانغان،دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.