رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقى كۈچەيدى

0 2012-05-03 11:19:43   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن يېقىندا رۇسىيە ھۆكۈمەت بىناسىدا جۇڭگو مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال پولكوۋنىك گوبوشيوڭ بىلەن كۆرۈشتى.
      پۇتىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسى داۋاملىق ئاشتى، پۇتىن رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئارمىيەلىرىنىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى ئارمىيەنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك، ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يېڭىدىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
      گوبوشيوڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل <جۇڭگو رۇسىيە قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى> ئىمزالانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، 10 يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقلىرى ئۈچۈن ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر