2011 - يىلى 29 - ئاۋغۇست رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ پەرمان ئىمزالاپ، 6 - نۆۋەتلىك رۇسىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى (دۆلەت دۇماسى) سايلىمى بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، دەپ بېكىتتى.
مېدۋېدېۋ 29 - ئاۋغۇست سۇچىدا پارتىيەلەرنىڭ داھىيلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن دۆلەت دۇماسى سايلىمى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. مېدۋېدېۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان دۆلەت دۇماسى سايلىمى ئالاقىدار سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام، بۇ سايلامدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان دۆلەت دۇماسى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى؛ پارلامېنتقا تەۋە بولمىغان پارتىيەلەرنىڭ نامزاتلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىشىدا زۆرۈر بولغان قوللىغۇچىلارنىڭ ئىمزاسى 200 مىڭدىن 150 مىڭغا قىسقارتىلدى.
رۇسىيە دۆلەت دۇماسىدا 450 ئورۇن بار، ئۇنىڭ225ىگە پارتىيە گۇرۇھلاردىن مەملىكەتلىك سايلامدا نىسبەت بويىچە ۋەكىل سايلىنىدۇ، ئېرىشكەن ئاۋاز سانى %7 تىن ئاشقانلار پارتىيە دۆلەت دۇماسىغا كىرەلەيدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ