ئۆزبېكىستاننىڭ باش ئەلچىسى ئايبېك ئارىف ئوسمانوۋ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان پاكىستاندىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆزبېكىستانغا كېلىپ ئىلمە توقۇلما، ئېنېرگىيە، دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە خۇرۇمچىلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
باش ئەلچى پاكىستان سانائەت سودا ICCPF جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاجى غۇلام ئەلى بىلەن كۆرۈشكەندە: ئۆزبېكىستان پاكىستاننى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ۋە مەبلەغ سېلىشقا رىبەتلەندۈرۈش سىياسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېدى.
غۇلام ئەلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككى تەرەپ سودا ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ICCPF پاكىستان سودا تەرەققىيات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۆمەك تەشكىللەپ، ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق پاكىستان ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا سودا دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئىككى تەرەپنىڭ سودا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.