بىرازىلىيە رىئو دې ژانېيرودىكى 12ياشلىق بىز قىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ چېچىنى كېسىپ باقمىغان بولۇپ،ھازىر 5فۇت 2ديۇيم چىقىدۇ.ھەتتا قىزنىڭ بويىدىن بىر ديۇيم ئۇزۇن. لېكىن،بۇ تەبئىي بۈدرە قوڭۇر رەڭلىك چىرايلىق چاچ بۇ قىزنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن،ئۇ ھەر ھەپتە چېچىغا بىر بوتۇلكا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپ تۆت سائەتتە ئاران يۇيۇپ بولىدۇ،كۈندە چېچىنى تاراشقا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ،يولدا ماڭغاندا چېچىنى يۆگەپ قولىغا ئېلىۋالىدۇ،ئۇنىڭ چېچى ھەم قويۇق ھەم ئۇزۇن،بەكمۇ چىرايلىق،ئولتۇرغاندا بولسا يوتىسىغا قويىۋالىدۇ،ئۇ كۈندە ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارىلىقىدىلا يۈرىدۇ،دوستلىرى بىلەن ئەركىن-ئازادە چېپىشىپ ئوينىيالمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئانىسى قارار قىلىپ،كىمكى 3500فوندېستېرلىڭغا (35مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)غا قىزىنىڭ چېچىنى سېتىۋالسا،قىزىنىڭ چېچىنى كېسىپ شۇ كىشىگە بېرىدىكەن،ھەمدە قىزىنىڭ بۇندىن كېيىن ئەركىن ،خۇشال -خۇرال چوڭ بولۇشىنى،دوستلىرى بىلەن چېپىپ خۇشال ئويناپ يۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
|