شىنخۇا ئاگېنتلىقى،لوندون،13-مارت تېلىگىراممىسى:
ئەنگىلىيەدىكى <پوچتا گېزىتى> ئۈلۈشكۈن مۇنداق خەۋەر بەردى:بىرازىلىيەلىك يورى پاۋلوۋ يېقىندا ئېلېكتىرونلۇق ماسكا ياسىدى،ماسكىدىكى شامالدۇرغۇچ نەپەسنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرالايدۇ،بۇنىڭ بىلەن يانفونغا توك تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
پاۋلوۋ مۇنداق دېدى:بۇ خىل ماسكىنى ھەرقانداق چاغدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.مەيلى ئۇخلاڭ،مەيلى يول يۈرۈڭ،مەيلى يۈگۈرۈڭ ياكى كىتاب ئوقۇڭ ،پەقەت نەپەس ئالسىڭىزلا ،ئۇ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ.