شېنخۇا ئاگېنتلىقى ،باڭكۇك،15فېۋرال تېلگىراممىسى :تايلادنىڭ دېپلوماتىك مىنىستىرى سۇراپخۇڭ بۈگۈن مۇنداق دېدى :تۈنۈگۈن باڭكۇكتا ئۈچ قېتىم پارتىلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەم يارلاندى ،بىز ئىككى ئىرانلىقنىڭ بۇ ئىشنى قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلدۇق،ئۇلارنىڭ بىرى تۇتۇلدى .
ئىسرائىلىيەنىڭ تايلادتىكى باش ئەلچىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى :ساقچىلار بايقىغان پارتىلىتىش بۇيۇملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن گىرۇزىيەدىكى ئەلچىخانلىرىدا يۈز بەرگەن پارتىلىتىشتا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرگە ئوخشايدىكەن .بۇ نىشاننىڭ ئىسرائىلىيە دىپلوماتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .