كېۋەز كۆكپىتىنى يوقىتىشتا چىڭ تۇتۇلىدىغان ھالقىلار

23 2012-01-18 12:55:08   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ھازىر شىنجاڭدا كېۋەز كۆكپىتى كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى بار: بىرىنچى، كېۋەز كۆكپىتىنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش؛ ئىككىنچىسى، كېۋەز ئارىلىقىغا باشقا زىرائەت تېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ياشاش ئورنىنى كۆپەيتىۋېتىش؛ ئۈچىنچىسى، ھەرقايسى جايلاردا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كۆكپىتنىڭ قىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىش.
      كېۋەز كۆكپىتىنى يوقىتىشتا ئىككى ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك: بىرىنچى، كېۋەز كۆكپىتى توپىنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىنىڭ بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ پارازىتلىنىدىغان جايىنى تەكشۈرۈپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئادەتتە گۈل، ئانار ۋە كۆكتاتلىقلار ئۇلارنىڭ دائىملىق ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىمىيەلىك ۋە يەرلىك ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تۇخۇمىنى يوقىتىپ، كۆكپىتنىڭ قىشتىن ئۆتۈش سانىنى ئازايتىش كېرەك. ئىككىنچى، كېۋەزلىكنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى كۆكپىت مەنبەسىنى كونترول قىلىش كېرەك. قىشتىن ئۆتىۋالغان كۆكپىتكە قارىتا كۈشەندىسىنى يېتىلدۈرۈش، كېۋەز ئارىسىغا بۇغداي تېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بالدۇرراق يوقىتىش كېرەك. كۆكپىت كەڭ كۆلەمدە پەيدا بولغاندا يوقاتسا، تەننەرخى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە كېۋەز مەھسۇلاتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر