ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە بادام كۆچەتلىرىنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال سۇغىرىش كېرەك. تۇتمىغان كۆچەتلەر بولسا، ئۇلارنى قايتا ئۇلاش كېرەك. ئادەتتە ئەتىياز پەسىللىرىدىكى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۇلانغان ئۇلاقنىڭ تۇتقان - تۇتمىغانلىقى 15-10 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇلانغان كۆچەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بەزى تۇتماي قالغانلىرى كۆرۈلسە، ئۇلارنى دەرھال قايتا ئۇلاش كېرەك. ياز پەسلىدىكى ئۇلاق ئۇلىنىپ 8 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇتقان - تۇتمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇلانغان بىخلارنىڭ يوپۇرماق ساپىقى سارغىيىپ يىگىلەپ چۈشۈپ كېتىشكە باشلىغان بولسا تۇتقان ھېسابلىنىدۇ. يوپۇرماق ساپىقى قۇرۇپ قېتىپ قالغان، قول تەگسىمۇ چۈشمەيدىغان ھالەتتە بولغان بولسا تۇتمىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كۆچەتلەر قايتا ئۇلاش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ.
ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ئۇلانغان ھەر خىل شەكىلدىكى بىخ ئۇلاقلارنىڭ تۇتقانلىقى ئېنىق بولغاندا، تېڭىلغان تېڭىق يېشىۋېتىلىپ، قالدۇرۇلغان ئۇلاق ئۈستىنىڭ يۇقىرى قىسمى سەل قىيپاش كېسىۋېتىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئۇلانغان جايى شۇ يىلىلا پۈتۈنلەي يۆگىلىپ، بىلىنمىگۈدەك تۇتىشىپ كېتەلەيدۇ. قالغان ھەر خىل شەكىلدىكى شاخ ئۇلاقلارنىڭ تېڭىلغان تېڭىقلىرى ئۇلانغان شاخ كۆكلەپ چىققاندىن كېيىن 20-15كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن پۈتۈنلەي يېشىۋېتىلىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ئۇلاقلارنىڭ ئۇلاق ئاستى ئېچىلغان ئېغىز بىخ ئۇلاقلارغا قارىغاندا چوڭ بولغاچقا، تۇتىشىپ پۈتۈش ۋاقتى سەل ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭلاشقا تېڭىلغان تېڭىقلارمۇ سەل كېيىنرەك يېشىپ تاشلىنىدۇ.
ئۇلاق كۆچەتلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، بالدۇر ئەي بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلاق ئاستىدىن چىققان ھارام شاخ - پۇتاقلارنى داۋاملىق ئۆز ۋاقتىدا چاتاپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، بويىغا ئۆسۈشى بىر مېتىردىن ئاشقاندا، ئۇنىڭ بويىغا ئۆسۈشىنى كونترول قىلىپ، غولىنىڭ توملۇققا ئۆسۈشى بىلەن يان شاخلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپقا تەكشى يېيىلغان، كېيىنلىكتە شاخ بولالايدىغان شاخلارنى قالدۇرۇپ، قالغان زىچ مىنگىشىپ ئۆسكەن شاخلارنى ۋاقتىدا قايچىلاپ كېسىۋېتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بادام باغلىرىغا تىكىلگەن بۇ خىل كۆچەتلەر ئەتراپىغا تەكشى يېيىلغان ئاساسىي شاخلارنى ھاسىل قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك دەرەخ تاجىسىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
ئۇلانغان بادام كۆچەتلىرىنى ۋاقتىدا ئوغۇتلاش سۇغىرىش ۋە ئوت - چۆپلەرنى ئوتاپ، تۈۋىنى بوشىتىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساغلام ۋە قاۋۇل ئۆسۈشىگە ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بېرىش، شۇنداقلا ھەر خىل كېسەللىك - ھاشاراتلارنىڭ زىيان سېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.
ئادەتتە ئۇلاق كۆچەتلىرىنى يېتىشتۈرگەن جايلارنىڭ تۇپراق شارائىتى ۋە ھاۋا كىلىماتى ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن،15-10 كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم سۇغىرىپ، كۆچەت تۈۋىنى بوشىتىپ، تۇپراقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ياخشىلاپ، نەملىكنى ساقلاش كېرەك. ئەتىياز پەسلىدە ئۇلانغان كۆچەتلەر 6 - ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ سۇغىرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ قوشۇمچە ئوغۇتلىنىدۇ. ھەر مو كۆچەتزارلىق ئۈچۈن 2000-1500 جىڭغىچە چىرىندە ئوغۇتقا 8 كىلوگىرام فوسفورلۇق ئوغۇت، 5 كىلوگىرام ئازوتلۇق ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىشتە، كۆچەت تۈۋىدىن 20 سانتىمېتىر يىراقلىقتىن تاپ ئېچىلىپ، ئېچىلغان تاپقا ئارىلاشما ئوغۇت سېلىنىدۇ. ياز پەسلىدە ئۇلانغان كۆچەتلەر ساپ چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇتلار ۋە كالىيلىق ئوغۇتلارنىڭ ئارىلاشمىسى بىلەن ئوغۇتلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە ئۇلانغان كۆچەتلەرنى بولسا ھەر خىل قوتان قىغلىرى بىلەن ئوغۇتلاش ئاساس قىلىنىدۇ. مەيلى قايسى مەزگىلدە ئۇلانغان كۆچەتلەر بولسۇن، يازنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلارنى سۇغىرىش قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك. چۈنكى كۆچەت تېنىدە سۇيۇقلۇق كۆپ بولغاندا ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەزى ياش نوتىلار ياغاچلىنالماي قالىدۇ. نەتىجىدە، قىش پەسلىدە سوغۇق شامالنىڭ تەسىرىدىن كۆپلىگەن ياش نوتىلار توڭلاپ قالىدۇ. شۇڭا 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سۇغىرىشنى ئازايتىپ، كۆچەتلەرنى مۇۋاپىق شالاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياغاچلىنىپ يېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ