تېمپېراتۇرىنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

20 2012-01-18 12:45:40   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
تېمپېراتۇرا كېۋەزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەبىئىي ئامىل بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر رايوندا تېرىلىدىغان كېۋەز سورتىنى، تېرىش مەزگىلىنى، كېۋەزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ۋە پاختىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ.
      1. يىغىندى تېمپېراتۇرا
      كېۋەز ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بىرقەدەر كۆپ ئىسسىقلىق جۇغلانمىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يىغىندى تېمپېراتۇرا دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كېۋەزنىڭ تېرىغاندىن تارتىپ غوزىسى ئېچىلغانغا قەدەر تەلەپ قىلىدىغان يىغىندى تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن: غوزىسى بالدۇر ئېچىلىدىغان قۇرۇقلۇق كېۋىزىنىڭ يىغىندى تېمپېراتۇرىسى3500-3200گىرادۇس ئارا جاغدا قۇرۇقلۇق كېۋىزىنىڭ4000-3500گىرادۇسئۇزۇن تالالىق كېۋەزنىڭ4000گىرادۇس تىن يۇقىرى، ئەڭ ياخشىسى4500گىرادۇس بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېۋەزنىڭ ھەرقايسى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تەلەپ قىلىدىغان يىغىندى تېمپېراتۇرىسىمۇ ئۆزئارا ئوخشاش بولمايدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا غوزىسى بالدۇر ئېچىلىدىغان قۇرۇقلۇق كېۋىزى تېرىلغاندىن ئۈنۈپ چىققانغا قەدەر245-292گىرادۇس ئۈنۈپ چىققاندىن غۇنچىلىغانغا قەدەر742-608گىرادۇس غۇنچىلىغاندىن چېچەكلىگەنگە قەدەر695-642گىرادۇس چېچەكلىگەندىن غوزىسى ئېچىلغانغا قەدەر بولسا1360-1216گىرادۇس بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئارا جاغدا قۇرۇقلۇق كېۋىزى بىلەن ئۇزۇن تالالىق كېۋەزنىڭ ھەرقايسى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تەلەپ قىلىدىغان يىغىندى تېمپېراتۇرىسى غوزىسى بالدۇر ئېچىلىدىغان قۇرۇقلۇق كېۋىزىنىڭكىدىن مۇناسىپ ھالدا كۆپ بولىدۇ.
      2. بىخلىنىش - ئۈنۈپ چىقىشتا تېمپېراتۇرىغا نىسبەتەن تەلىپى
      چىگىت تېرىلىپ يېتەرلىك سۇنى سۈمۈرگەن ئەھۋالدا چىگىتنىڭ ئىچىدىكى ئېنزىملارنىڭ پائالىيىتى كۈچىيىپ، چىگىت ئىچىدە ساقلانغان سۇدا ئېرىمەيدىغان ھەر خىل ماددىلار پارچىلىنىپ سۇدا ئېرىيدىغان ئاددىي ماددىلارغا ئۆزگىرىدۇ ھەمدە ئۇلار تۆرەلمىگە توشۇلۇپ تۆرەلمە تەرىپىدىن سۈمۈرۈپ پايدىلىنىلىدۇ. تېمپېراتۇرا ۋە ئوكسىگېن مۇۋاپىق بولغان شارائىتتا، تۆرەلمە يۇمران مايسىنىڭ يىلتىز، غول، يوپۇرماق قاتارلىق ئەزالىرىغا تەقسىملىنىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن مايسا ئۈنۈپ چىقىدۇ. چىگىتنى بىخلاندۇرىدىغان ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا12.0-10.5گىرادۇس ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا 30-20گىرادۇس . مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا دائىرىسىدە، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ چىگىتنىڭ بىخلىنىش مەزگىلى قىسقىرايدۇ. مەسىلەن: تېمپېراتۇرا12گىرادۇس  بولغاندا 11 كۈن، 13گىرادۇس  بولغاندا 7 كۈن، 16گىرادۇس  بولغاندا 5 كۈن، 23-20گىرادۇس  بولغاندا پەقەت 2 كۈندىلا بىخلىنىدۇ. ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرا بىخلىنىشنى تېزلىتىدۇ. مايسىنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوقىنىڭ ئۇزۇرىشى ھەمدە ئۆتكۈزگۈچ نەيچىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. مايسا ئۈنۈپ چىقىشتا تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا16گىرادۇس بۇ تېمپېراتۇرا شارائىتىدا تېرىلغاندىن تارتىپ مايسا ئۈنۈپ چىققانغا قەدەر 23 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. شىنجاڭدا باش ئەتىيازدا دائىم جۇدۇن، سوغۇق بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەچتە قىرو چۈشۈش قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا كىلىماتى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا كېۋەزنى قارىغۇلارچە بالدۇر تېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بالدۇر تېرىلسىمۇ ئۈنمەيدۇ ھەمدە چىگىت ئاسانلا سېسىپ كېتىدۇ. ئۈنگەن تەقدىردىمۇ چىگىتنىڭ تۇپراقتا تۇرغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەك كۆپ سەرپ قىلىۋېتىپ، مايسا ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە mc5 تۇپراق قەۋىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 14گىرادۇس  قا مۇقىملاشقاندا تېرىشنى باشلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپىنچە 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنلىرىدىن باشلاپ تېرىلسا بولىدۇ. تېرىش مەزگىلى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا كۆپىنچە 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېرىش باشلانسا بولىدۇ. تېرىش مەزگىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
      3. يوپۇرماق چىقىرىش، غۇنچىلاش، چېچەكلەش ۋە غوزا تۇتۇشتا تېمپېراتۇرىغا بولغان تەلىپى
      يوپۇرماقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تېمپېراتۇرا30-25گىرادۇس بولۇپ، يوپۇرماق چىقىرىش سۈرئىتى تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ تېزلىشىپ بارىدۇ. ئالايلۇق، تېمپېراتۇرا 20گىرادۇس  بولغاندا ئاساسىي غولدىن بىر دانە يوپۇرماقنى چىقىرىش ئۈچۈن 7 كۈن،25-23گىرادۇس  بولغاندا 4-3 كۈن،29-26گىرادۇس  بولغاندا 3-2 كۈن كېتىدۇ. كېۋەزنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا »تەڭ ئايرىلىش مەزگىلى« مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. شۇڭا تېمپېراتۇرىنىڭ غۇنچىلاش ۋە غوزا تۇتۇش سۈرئىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يوپۇرماق چىقىرىش سۈرئىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما غۇنچىلاش مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا18گىرادۇس تىن تۆۋەن بولماسلىقى، چېچەكلەش، غوزا تۇتۇش ۋە غوزىسى ئېچىلىش مەزگىللىرىدە 16گىرادۇس تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
      4. پاختا تالاسىنىڭ يېتىلىشىدە تېمپېراتۇرىغا بولغان تەلىپى
      پاختا تالاسى سېللۇلوزىدىن تەركىب تاپقان. سېللۇلوزا بولسا ئېرىشچان ئوكسىدسىزلانغان قەنتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان. سېللۇلوزىنىڭ چۆكمە بولۇشى بىرقەدەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە30-20گىرادۇس  لۇق دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ سېللۇلوزىنىڭ چۆكمە بولۇشى تېزلىشىدۇ. كېچىلىك تېمپېراتۇرا21گىرادۇس  تىن تۆۋەن بولغاندا پەقەت ئوكسىدسىزلانغان قەنتلەرلا توپلىنىدۇ، ئەمما سېللۇلوزىغا ئۆزگىرەلمەيدۇ. كېچىلىك تېمپېراتۇرا 15گىرادۇس  بولغاندا سېللۇلوزا توپلىنىشتىن توختايدۇ. شىنجاڭدا ھەر يىلى 6 -، 7 -، 8 - ئايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. 9 - ئاي كىرگەندىن كېيىن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جىددىي تۆۋەنلەپ، سېللۇلوزىنىڭ چۆكمە بولۇش تېمپېراتۇرا چېكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بالدۇر پەرۋىش قىلىپ بالدۇر يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەل ۋاقتىدا خىمىيەلىك ئۇسۇلدا تىزگىنلەش ۋە ئۇچىنى ئۈزۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تومۇزدىن ئىلگىرىكى غوزىلار بىلەن تومۇز غوزىلىرىنى كۆپرەك تۇتۇشنى قولغا كەلتۈرۈش، %90 تىن كۆپ غوزىلار پاختا تالاسىنىڭ يېتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان 7 -، 8 - ئايلار ئىچىدە غوزا مەزگىلىنى ئورۇنداپ بولۇش كېۋەزدىن يۇقىرى، ئەلا سۈپەتلىك ھوسۇل ئېلىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر