ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى تۈزلەش قۇرۇلۇش تېخنىكىسى توغرىسىدا مۇھاكىمە

46 2012-01-17 12:23:29   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ھازىر پۈتۈن جەمئىيەت زور كۈچ بىلەن سۇ تېجەپ سۇغىرىش چارىلىرىنى ئومۇملاشتۇرماقتا، ئۆستەڭ سۇ تېجەپ سۇغىرىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، لېكىن ئۆستەڭ سۇ سىڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى سەللا ناچار بولسا سىڭىپ كېتىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئۆستەڭنىڭ سىڭىپ كەتكەن سۇ مىقدارى ئۆستەڭ سىستېمىسى يوقاتقان سۇ مىقدارىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆستەڭ بېشىدىن باشلىغان سۇنىڭ %30 ىچىلىك، بىرقەدەر چوڭ ھەم سۇغىرىش ئەسھەلىرى ناچارراق سۇغىرىش رايونلىرىدا %50 ىچىلىك بولىدىكەن. ئۆستەڭ سىستېمىسى سۇ مىقدارىنىڭ يوقىلىشى ئۆستەڭ سىستېمىسىنىڭ سۇدىن پايدىلىنىش كوئېففېتسېنتىنى توۋەنلىتىپ سۇغىرىش مەيدانىنى ئازايتىپ، قىممەتلىك سۇ بايلىقىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە بەزى يەرلەرنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈپ يەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شورنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان رايونلاردا، تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۇ مىقدارىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشى سۇغىرىش تەننەرخىنى ۋە دېھقانلارنىڭ سۇ ھەققى يۈكىنى ئاشۇرۇپ، سۇغىرىش ئۈنۈمىنى توۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئۆستەڭ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە ئاسراشنى ئىلمىي تەڭشەشنى يولغا قويۇش، ئۆستەڭ سىستېمىسىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن سىڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆستەڭدىكى سۇنىڭ سىڭىش مىقدارىنى ئازايتىش كىرەك.
       ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بېتون قويۇلغان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ سۇنىڭ سىڭىپ يوقىلىشىنى %85 تىن كۆپ ئازايتىپ، سۇ يوللاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بېتونلۇق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ئوخشىمىغان يەر شەكلى ۋە ھاۋا رايىغا ماس كەلگەچكە، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بېتون قويۇلغان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنىڭ ئۈنۈمى ۋە چىدامچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، توغرا ۋە مۇۋاپىق لايىھەدىن باشقا، يەنە چوقۇم قۇرۇلۇش تېخنىكا سەۋىيەسىنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بېتوننىڭ سۈپىتى، ئارىلاشتۇرۇش نىسبىتى، توشۇش، قۇيۇش، ئاسراش قاتارلىق قۇرۇلۇش تېخنولوگىيەسىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ئەلا، تېجەشلىك، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
      1. قۇرۇلۇش تەييارلىقى
      سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، تەپسىلىي بولغان قۇرۇلۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ماتېرىيال مەيدانى ۋە ئارىلاشتۇرۇپ لاي ئېتىش مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم توك، سۇ، يول ۋە ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تولۇق ئىشلەش كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەجرىبە ۋە قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ سىناپ، ئۆلچەمگە توشمىغانلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تەڭشەپ بېتون لاينىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
      سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدىن ئىلگىرى، ئۆستەڭگە ئۆلچەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، كونكرېت ئولچىمى چوقۇم لايىھە خەرىتە تەلىپى بويىچە بولۇشى كېرەك. ئۆستەڭنىڭ تېگى ۋە ئۈستى 4 نۇقتا سىزىقىنى ئۆلچەپ، ئاندىن ئاپتوموبىل ياكى ئادەم كۈچى بىلەن توپىنى ئويۇشنى ئالدىن ئېلىپ بېرىپ، تۇپراقتىكى سۇنى تەبىئىي قۇرۇتۇپ تۇپراقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قىش پەسلىدىكى توڭلاشنى ئازايتىش كېرەك. مەيلى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۆستەڭ بولسۇن ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان ئۆستەڭ بولسۇن، توپا تىندۇرۇپ چىڭداشتىن ئىلگىرى، چوقۇم ئۆستەڭ ئىچىدىكى لاي، چىرىگەن توپا، ئەخلەت ھەم تاشلارنى پاكىز ئادالىۋېتىش كېرەك.
      2. بېتون ماتېرىياللىرى
      (1) سۇنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى
      ئىچىشكە بولىدىغان سۇنى ئارىلاشتۇرۇش ۋە ئاسراشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىنمىغان سانائەت كېرەكسىز سۈيى، پاسكىنا سۇ ھەم سازلىق سۈيىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر سۇ ئىنتايىن قىس بولغان شارائىتتا، باشقا مەسىلەن يەر ئۈستى سۈيى، يەر ئاستى سۈيى ۋە باشقا خىلدىكى سۇلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن چوقۇم »سۇ ئىنشائاتى بېتون قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى« گە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
      (2) سېمونتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى
      سېمونت ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان سېمونت، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سېمونت ۋە ئالاھىدە سېمونتتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان سېمونت ئاساسلىقى ئادەتتىكى توپا قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. سېمونتنى توشۇش ۋە ساقلاشتا چوقۇم نەملىكتىن ساقلاش كېرەك. قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنگەن سېمونتلارنى تۈرى ۋە زاۋۇتتىن چىقىش ۋاقتى بويىچە نەملىكتىن ساقلاش قەۋىتى لايىھەلەپ يەر يۈزىدىن، تامدىن m30 ئارىلىق قويۇپ تىزىش، ئېگىزلىكىنى 15 خالتىدىن ئاشۇرماي قۇرغاق ئامباردا ساقلاش، بالدۇر زاۋۇتتىن چىققان سېمونتنى بالدۇر ئىشلىتىۋېتىش كېرەك.
      (3) جازا ماتېرىيالىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى
      قۇم - شېغىل ماتېرىياللىرى بېتوننىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى. جازا ماتېرىياللىرى سۈپىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى بېتوننىڭ قاتتىقلىقى، سېمونتنىڭ مىقدارى، بېتون ئۆلچىمىگە، شۇنداقلا سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدا قۇم - شېغىل جازا ماتېرىياللىرىنىڭ زاپاس مىقدارى، ئۆلچىمى، ئارىلاشما ماددىلار مىقدارىنى، شۇنداقلا قاتتىقلىق دەرىجىسى، سوغۇققا چىدامچانلىقى، خىمىيەلىك تەركىبى، دانىچە ھالىتى، دەرىجىگە ئايرىش قاتارلىقلارنى چوقۇم ئەتراپلىق پىلانلاپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش كىرەك. ھەر دەرىجىدىكى جازا ماتېرىياللىرى دىيامېتىرىنىڭ بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولۇپ قېلىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، تۇتاش ياكى ئۈزۈلمە دانىچىلىق سەپلىنىشنى تەجرىبە ئارقىلىق بېكىتىش كېرەك. شېغىل يۈزىدە لاي ۋە باشقا پاسكىنا نەرسىلەر بولسا تازىلاپ، شېغىل يۈزىنىڭ پاكىزە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
      3. بېتوننىڭ ئارىلاشتۇرۇش نىسبىتى
      بېتوننىڭ ئارىلاشتۇرۇش نىسبىتى چوقۇم تەجرىبىدىن ئۆتكەن، لايىھەلەنگەن تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلىتىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش داۋامىدا ماتېرىيالى كەم، خاتا، ئاز بولۇپ قالغان بېتونلارنى قەتئىي ئىشلىتىلىشى كېرەك.
      4. بېتوننى توشۇش تەلىپى
      بېتوننىڭ توشۇلۇشى بېتوننى ئارىلاشتۇرۇش ۋە قۇيۇش ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ بولۇپلا دەرھال توشۇش ھەم تېز ئىشلىتىۋېتىش كېرەك. توشۇغاندا قۇرۇلۇش تەلىپىگە ئاساسەن مەخسۇس ماشىنىنى مەخسۇس ئىشلىتىش، توشۇش ئەسلىھەلىرى زىچ، سىلىق، لاي ئاقمايدىغان بولۇشى كېرەك. ياز پەسلىدە توشۇش ۋاقتى قىسقا بولۇش، بېتون سۇ مىقدارىنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بېتون ئىسسىقلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىپ، بېتوننىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش كېرەك.
      5. بېتوننى قۇيۇش تەلىپى
      بېتوننىڭ قۇيۇلۇش باسقۇچى: قۇيۇشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەت، قېلىپقا لاي قۇ يۇپ تۈزلەش، لاينى تىترىتىش ۋە قۇيۇشتىن كېيىنكى ئاسراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇيۇشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەتتە ئۇل يۈزىنى بىر تەرەپ قىلىش، بولۇپمۇ شېغىللىق يەردە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاپ، تۈزلەپ، mc20~10 تۆۋەن خورلۇق بېتوننى قۇيۇپ سىلىنچا قەۋەت ياساپ، بېتوننىڭ سىڭىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، توپىلىق يەردە ئاۋۋال ئۇششاق شېغىل، ئاندىن نەم قۇم ياتقۇزۇپ، چىڭداپ بولۇپ ئاخىرىدا بېتون قۇيۇش كېرەك.
      يىڭى بېتوننى قۇيۇشتىن ئاۋۋال، چوقۇم ئادەم كۈچى ياكى يۇقىرى بېسىملىق سۇ مىلتىقى قاتارلىق ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كونا بېتونلارنىڭ يۈزىنى تازىلاپ قەۋەتلەرنىڭ بىرىكىشىگە ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. بىرىكىش يۈزىگە سېمونت لاي ياكى كىچىك دانىچىلىق بېتون ياتقۇزغاندىن كېيىن بېتون قۇيساق، قۇرۇلۇش چېكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
      قېلىپنى قۇراشتۇرغاندا چوقۇم لايىھەدىكى ئۆلچەمگە ئاساسەن مۇقىم بولغان مۇئەسسەسەلەرنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. قېلىپنى چوقۇم مۇقىم بولغان يەرگە تىرەش ھەم يېتەرلىك تايانچ يۈزى بولۇشى، تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قېلىپ چوقۇم پۇختا، توغرا بولۇشى، لاي ئاقماسلىقى، يۈزى سىلىق، شەكلى ئۆزگەرمىگەن بولۇشى، قۇراشتۇرۇش ئۆلچىمى ۋە يول قويۇلىدىغان خاتالىق پەرقى چوقۇم »سۇ قۇرۇلۇش بېتون قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى« دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
      قىسقىسى، بېتوننىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بېتون خام ماتېرىيالى ۋە قۇرۇلۇش ھۈنەر - سەنئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. شۇڭا چوقۇم بېتوننىڭ خام ماتېرىيالىنىڭ ھەر تۈرلۈك تېخنىكىلىق خۇسۇسىيىتى، بېتوننىڭ ئارىلاشتۇرۇلۇش ۋە قاتتىقلاشتۇرۇش تېخنىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە قارىتا دائىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بېتوننىڭ ئارىلاشتۇرۇش نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ ئارىلاشتۇرۇش جەريانىدا سۇ مىقدارىنى خالىغانچە ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بېتون قۇيۇش داۋامىدا، قۇيۇش مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلىكى، نىسبەتنىڭ ئۆزگىرىشى، قۇيۇش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بېتون قاتتىقلىق دەرىجىسى سىناق قىلىش پارچىسىدىن 3 نى، سىڭىشقا چىداملىق ۋە سوغۇققا چىداملىق بېتون سىناق قىلىش پارچىسىدىن 6 نى ئېلىپ نومۇرى ۋە ۋاقتىنى تىزىملاپ، ئاسراش ۋاقتى توشقاندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ تەجرىبە قىلىش ھەم نەتىجىسىنى ئارخىپلاشتۇرۇش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر