ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدا

30 2012-01-17 12:20:44   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ھەم تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇشى ئۈچۈن بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىدە مۇھىم تۈۋرۈكلىك رولىنى ئۆتەيدىغان ئىلمىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ، كۈتۈپخانىلاردا زور ئوزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى كۈتۈپخانىنىڭ كىتاب - ماتېرىيال جۇغلانمىسىنى كەڭ كىتابخانلار ئۈچۈن ئېچىۋىتىش مۇلازىمىتىنى پائال يولغا قويۇپ، كىتاب - ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ بىلىم تارقىتىش ۋە ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، »كىتابخانلار بىرىنچى« دېگەن ئاڭنى كەسپىگە سىڭدۈرۈپ ئەتراپلىق، كۆڭۈلدىكىدەك مۇلازىمەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولغان ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنى كەڭ كۆلەمدە كىتابخانلارغا تونۇشتۇردى ۋە تەشۋىق قىلدى.
      ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى ۋە رولى ئوقۇتقۇچى - ئۇقۇغۇچىلارنى مول مەزمۇنلۇق كىتاب - ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر - ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسى خىزمىتىنىڭ يادروسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ مۇلازىمەت خىزمىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىشىمىز، يېڭىچە ئۇسۇل - چارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرۇشقا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
      بىرىنچى، ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا كۈتۈپخانا توغرىسىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك
      يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانانىسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ توغرىلىق دەرس تەسىس قىلىش كېرەك. بۇ دەرس يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىپ ھەربىي مەشىقنى ئاخىرلاشتۇرغان، پەننىي دەرسلەر ئەمدىلا باشلانغان مەزگىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قىزىقىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرغان ۋاقىتقا توغرا كېلىشى كېرەك. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش قىزغىنلىقى، سوئال سوراش ئاكتىپچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى، ھەتتا دەرستىن چۈشۈپلا ئۇدۇل كۈتۈپخانىغا كىرىشكە ئالدىرايدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى خېلىلا كۆپ، شۇنداقلا قىزغىنلىقى يۇقىرى بولىدۇ. چۇنكى ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن 18 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان ياشلار بولغاچقا، ئۇلار يېڭىلىقلارغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ ھەم يېڭىلىقلارنى تېز قوبۇل قىلىدۇ.
      ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسى توغرىسىدا دەرس سۆزلىگەندە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىش كېرەك:
      1. كۈتۈپخانا ۋە ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ھەققىدە ئېنىقلىما، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇشىدا تۇتقان ئورنى، رولى، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب - ماتېرىياللار، يەنى باسما ۋە ئېلېكتىرون ماتېرىياللارنىڭ ئومۇمىي سانى، شۇنداقلا كۈتۈپخانىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ۋەھاكازالار.
      2. ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ خىزمەت خاراكتېرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تونۇشتۇرۇلىدۇ. ساقلىنىۋاتقان كىتاب - ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار بۇ دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىدا كىتاب - ماتېرىياللار ئاساسەن ھەرقايسى پەنلەرنىڭ خاسلىقىغا قاراپ تۈرلەرگە ئايرىلىپ، كىتابخانلارنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئىزدەپ تېپىپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆزىگە لازىملىق باسما شەكىلدىكى كىتاب - ماتېرىياللارنى كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ئىزدەپ تېپىش ئۇسۇلى ۋە بىۋاسىتە كىتاب ئامبىرىغا كىرىپ ئىزدەپ تېپىپ ئارىيەت ئېلىش ئۇسۇلى، كىتابلارنىڭ تىزىلىش تەرتىپى، ئېلىپ - قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئەمەلىي مەشغۇلات رەسىملىك كۆزنەكلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈلىدۇ.
      3. ژۇرناللار يېڭىلىنىشچانلىقى تېز، تۈرلىرى كۆپ، قايتا نەشر قىلىنماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن سىرتقا ئارىيەت بېرىلمىگەچكە، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىدىكى يېڭى ژۇرناللار، توپلاملار، قورال كىتابلار ۋە نۇسخا كىتابلاردىن پەقەت كۈتۈپخانىنىڭ ئۆزىدىلا پايدىلىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئارىيەت ئېلىپ پايدىلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئەسكەرتىلىدۇ.
      4. ئوقۇغۇچىلار كىتابلارنى ئارىيەت ئالغاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى ئاسراپ تۇتۇشى، قالايمىقان سىزىپ، قىستۇرما خەت يېزىپ، مۇھىم مەزمۇنلارنى يىرتىۋېلىپ كىتاب مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەللىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
      ئىككىنچى، كۈتۈپخانا ئوزىدە بار بولغان ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،كۈتۈپخانا خادىملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك
      كۈتۈپخانا بىر بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدەك ئالاھىدە بىر خىزمەت ئورنىنىڭ ھەربىر تارماقلىرى ئوزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى ھەربىر تارماقلار ئۆز رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا خىزمەت سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئوقۇرمەن بىلەن كۈتۈپخانىنى باغلاپ تۇرىدىغان، كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان، خىزمەتنى ئىجرا قىلغۇچى كۈتۈپخانا خادىملىرىدۇر. كۈتۈپخانا خادىملىرىنىڭ ساپاسى شۇ كۈتۈپخانىنىڭ ئوبرازىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
      ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى يەنىمۇ كۆپلەپ يېڭى ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كونا - يېڭى ئوقۇرمەنلەرگە كۈتۈپخانا ئۈسكۈنلىرىنى، ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنى ئارىيەت بېرىشنى، قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى، كاتالوگدىن ئىزدەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق كىتاب - ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇندىن باشقا، يەنە ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
      ئۈچىنچى، يېڭى دەۋردىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق، كۈتۈپخانىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك
      جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كۈتۈپخانىلاردىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ھەمدە دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى ۋە ئومۇملاشتۇردى. ھازىرقى زامان كۈتۈپخانىلىرى تورلاشقان، ئېچىۋېتىلگەن، سېفىرلىق كۈتۈپخانىلارغا ئايلىنىپ كەڭ خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ بىلىش ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ، ئىلىم - پەننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە مائارىپ تەرەققىياتىغا ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇ ئومۇمىي خەلق ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.
      كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلەش ھازىرقى دەۋرنىڭ ئەقەللىي تەلىپى ۋە ئەڭ ياخشى بىلىم ئىگىلەش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. ھازىر كىشىلەر ئۇچۇر ئىگىلەشتە كىتاب - ژۇرناللاردىن پايدىلىنىپلا قالماستىن، يەنە كومپيۇتېر تورى ئارقىلىقمۇ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەردىن پايدىلىنالايدىغان بولدى. تور تېخنىكىسى ۋە كۆپ ۋاسىتە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇر ساقلاش ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش تېخنىكىسىدىمۇ يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى.
      ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ساقلاپ كەلگەن كىتاب - ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن كىتابخانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر تورىدىن پايدىلىنىپ كىتابلار ئۈچۈن ئۇچۇر ئاخباراتى يەتكۈزۈپ بېرىش، كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق كۈتۈپخانىلاردا كەم بولغان ماتېرىياللارنى توپلاپ كىتابلارنى تەمىنلەش، ئەڭ تېز سۈرئەتتىكى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى كىتاب - ماتېرىياللارنى ساقلاشنى ئاساس قىلىشتەك خىزمەت ئۇسۇلىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ۋەزىپىسى، ئورنى ۋە رولىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.
      تۆتىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ، ئۇنى پۈتكۈل جەمئىيەتكە تونۇتۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىتابخانلارنى جەلپ قىلىپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك
      »سىرتقا ئېچىۋېتىش« ئالىي مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، پەقەت ئېچىۋېتىش خاراكتېرىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا، ئاندىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالىي مەكتەپلەر ئارا رىقابەتكە قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، بۇ ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ
      ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنى ئالىي مەكتەپنىڭ مۇھىم ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش نىشانىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن، ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىكى كۆز قارىشىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن كۈتۈپخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈشى ھەم ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئۇندىن قالسا، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كۈتۈپخانىلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
      بەشىنچى، خۇلاسە
      نۆۋەتتە، ئۇچۇر مەنبە قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ كومپيۇتېر ئارقىلىق كىتابلارنى ئارىيەتكە بېرىشكە، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۈتۈپخانىنى جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىمۇ تەربىيە بازىسى ۋە كىتاب - ماتېرىيال ئۇچۇر مەركىزى بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەلا مۇلاىمەت قىلىشقا تىرىشماقتا.
      ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسى يەككە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنى باشقۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا زىچ ماسلىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كۈتۈپخانا باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ كوننوتاتسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم رولىنى داۋاملىق ئۈنۈملۈك ھالدا جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىتابخاننى جەلپ قىلغىلى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ھەم جەمئىيەتتىكى كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر