قىرغىزىستاننىڭ8-ئايدىكى مالىيە چىقىمى ئاشتى

23 2012-01-17 17:03:31   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  قىرغىزىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ بۇ يىل 8 - ئايدىكى مالىيە چىقىمى 7 مىليارد سوم (تەخمىنەن 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) دىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مائاش چىقىمى 1 مىليارد سوم، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى 120 مىليون سوم، شەھەر مەمۇرىيىتى چىقىمى 140 مىليون سوم، كاماندىروپكا خىراجىتى 26 مىليون سوم، قاتناش خىراجىتى 43 مىليون 500 مىڭ سوم، يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئاجرىتىپ بېرىلگەن مەبلەغ 480 مىليون سوم، ئىجتىمائىي تولۇقلىما چىقىمى660 مىليون سوم، ئاھالىلار نەپىقە پۇلى چىقىمى 420 مىليون سوم، قەرز پۇل چىقىمى350مىليون سوم. بۇندىن باشقا، يەنە تاشقى قەرزنى قايتۇرۇش خىراجىتى 490 مىليون سوم، چەت ئەل قەرز پۇل ئۆسۈمىنى تۆلەش خىراجىتى 200 مىليون سوم، ۋەھاكازالار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر