يېقىندا، قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئاتامبايېۋ ئىسسىقكۆل ئوبلاستىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: يېقىنقى 12 يىل مابەينىدە قىرغىزىستاندا سېتىلغان ئومۇمىي ئالتۇن مىقدارى 235 توننىدىن ئاشقان بولۇپ، قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا بازاردىكى ئالتۇن باھاسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىماقتا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كانادانىڭ كامېك شىركىتى بىرلىشىپ قۇرغان ‹سېنتېررا گولد› شىركىتى كاپىتالىنىڭ قىممىتىمۇ داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ‹سېنتېررا گولد› شىركىتىنىڭ كاپىتالىنى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئۈمىد زور.
ھەمبەھىرلىنىڭ