تۈركمەنىستان كاسپى دېڭىزى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەبىئىي گازنى ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى

58 2012-01-16 11:18:07   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭىغا قاراشلىق دۆلەتلىك نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا ئېچىلغان ھۆكۈمەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركمەنىستان كاسپى دېڭىز قۇرۇقلۇقىدىن قېزىلغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى تەبىئىي گاز خەلقئارالىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىپ، تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز ئېكسپورت مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن تۈركمەنىستان كاسپى دېڭىز بۆلىكى دۇنيا بازىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى.
      مۆلچەرلىنىشىچە، تۈركمەنىستان دېڭىز ئۈستى نېفىتلىكىنى ئېچىش تۈرىدە يىلىغا 5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن، كەلگۈسىدە يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.
      تۈركمەنىستاننىڭ كاسپى دېڭىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمى ئاساسىدا، تۈركمەنىستان بىلەن برازىلىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى بىرلىكتە تەبىئىي گاز قازىدىكەن، بۇ يىل 7 - ئايدا شىركەت كاسپى دېڭىز قىرغىقىدا تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇردى ۋە تېرمىنال ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر