ياپونىيە ئىلگىرى نىيىتىنى بۇزۇپ جۇڭگوغا يادرو قورالى ئارقىلىق زەربە بەرمەكچى بولغان
[ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، توكيو، 29-دېكابىر تېلېگراممىسى] كيودو ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن، يېقىندا مەخپىيلىكى بىكار قىلىنغان ھۆكۈمەت ھۆججىتىگە قارىغاندا، ياپونيىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن باش ۋەزىر، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىساكۇ ساتو 1965-يىلى ئامېرىكىدىن جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىسا، جۇڭگوغا يادرو قورالى بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىساكۇ ساتو باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا،ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت ماكناماراغا: زۆرۈر تېپىلسا،ئامېرىكا جۇڭگوغا دېڭىزدىن يادرو قوراللىرى بىلەن زەربە بەرسە بولىدۇ،دېگەن. مەخپىيلىكى بىكار قىلىنغان بۇ ئەڭ يېڭى ھۆججەتكە قارىغاندا ،ئىساكۇ ساتو جامائەتچىلىك ئارىسىدىكى يادرو قوراللىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان ئوبرازى ئارقىلىق، تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەھۋاللار ھەم ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى يوشۇرغان.
كيودو ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ئىساكۇ ساتو 1965-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جونسون بىلەن كۆرۈشكەن. مەخپىيلىكى بىكار قىلىنغان بۇ ھۆججەتكە قارىغاندا، ئىساكۇ ساتو ئامېرىكىدىن «ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى»بويىچە ياپونىيىنى قوغداش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. زۇڭتۇڭ جونسون ۋاشىنگتوننىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ۋەدە بەرگەن.
جۇڭگو 1964-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇنجى قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى.شۇڭا،يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ يادرو چوڭ دۆلىتى ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سالدى.
ئىساكۇ ساتو جۇڭگوغا ناھايىتى سوغۇق پوزىتسىيە تۇتقان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن سەككىز يىلدا، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان.
[كيودو ئاگېنتلىقى، توكيو، 29-دېكابىر تېلېگراممىسى] ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ئىساكۇ ساتو 1965-يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىدىن ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈزبەرسە، ئاۋۋال قول سېلىپ،يادرو قورالى بىلەن جۇڭگودىن ئۆچ ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىساكۇنىڭ جۇڭگوغا بەك ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ھەم«يادرو قوراللىرى ئارقىلىق چەكلەش ئېتىقادى»نىڭ ئۇنىڭغا بەك چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ياپونىيە-ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، ئىساكۇ 1965-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە-ئامېرىكا باشلىقلار سۆھبىتىدە ئامېرىكىدىن«يادرو قوغداش كۈنلۈكى»بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان ھەم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جونسوننىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەن. لېكىن بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتتە تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشىچە، ئىساكۇ «يادرو قوراللىرىدىن خالىي بولۇش توغرىسىدىكى ئۈچ پرىنسىپ»نى تەشەببۇس قىلغان ھەم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ رادىكال ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كاپالىتى نەزەرىيىسىگە ئېتىقاد قىلىپ، ئامېرىكىدىن جۇڭگونىڭ مۇنتىزىم قوراللىرى ھۇجۇمىغىمۇ يادرو قوراللىرى بىلەن بالدۇرراق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىساكۇ يادرو قوراللىرىنى دەرھال ئىشقا سېلىپ،جۇڭگونىڭ مۇنتىزىم قوراللار ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان،بۇ شۇنىڭدىن كېيىن تۈزۈلگەن دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىدىنمۇ رادىكال تەشەببۇس ھېسابلىنىدۇ.
ئىساكۇ يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا:«ئۇنى دېڭىزدا دەرھال ئىشلىتىشكە بولۇشى مۇمكىن»دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. بۇ نۇقتا ناھايىتى مۇھىم.1960-يىلى«ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن: ئامېرىكا ياپونىيە زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولسا، ئىككى تەرەپ ئاۋۋال كېڭىشىشى كېرەك،لېكىن ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى ئورونلاشتۇرۇلغان پاراخوتلارنى ياپونىيە پورتىدا توختىتىشى «يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ كىرگەنلىك»دەپ قارالمايدۇ،دەپ بەلگىلەنگەن. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە،ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆپ قېتىم ھەرىكەت قىلغان.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئىساكۇنىڭ يادرو قوراللىرىنى«دېڭىزدا»دەرھال ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ كىرىشىگە سۈكۈت قىلىدىغان «يادرو قوراللىرىدىن خالىي بولۇش سىياسىتى»نىڭ ساختىلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىساكۇ 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدا جۇڭگونىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولغانلىقىنى «تەلۋىنىڭ پىچاق تۇتۇشى»غا ئوخشىتىپ،جۇڭگوغا قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغان. بۇ ئۇ ئېلان قىلغان بىرقاتار سۆزلەردە يوشۇرۇن ئىپادىلەنگەن تۈپ قاراشتۇر.