قىزى دەپسەندە قىلىنسا دادا قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتتى

02011-12-31 12:27:42   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئۈچ ياشلىق نارسىدە قىز دەپسەندە قىلىندى، دادىسى ئۆزىنىڭ قارا نىيەتكەتەڭ كىلەلمەي قىلىشىدن ئەنسىرەپ نەق مەيداندىن كەتتى 

   ئۈچ ياشلىق قىزى دەپسەندە قىلىندى ،دادا يىقىن ئەتراپتىكى ھىچكىمگە نىدا قىلمىدى

   بۇ ۋەقە گۇاڭدۇڭ خۇيياڭدا يۈز بەرگەن. دادا يۇقاپ كەتكەن قىزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغان ،گۇماندارنىڭ تېخى نەق مەيداندىن ئايرىلمىغان ھالەتنىڭ ئۈستىگە كىلىپ قالىدۇ. جىنايەت گۇماندارىنىڭ قاۋۇل بەستىدىن ئۆركۈپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كىتىدۇ...

   12 -ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن،3 ياشلىق قىز شىياۋ چى ئاياغ ئاستى قىلىندۇ، ۋەقە گۇاڭدۇڭ خۇيياڭ شەھرى دەنشۇي كۇچىسى تۇخۇ كەنتىدىكى مەلوم بىنا قۇرۇلۇشى ئورنىنىڭ ياتاق رايونىدا يۈز بەرگەن.  25-چىسىلا خەلق ساقچىسى ،گۇماندار تاڭ فامىلىلىكنىڭ ,زورلۇققا ئوچۇرغان قىز شىياۋ چىنىڭ دادىسىنىڭ  قورۇلۇش ئورنىدىكى ئىشدىشى بولۇپ دىلۇنىڭ پات ئارىدا پاش بولىدىغانلىقىنى.ھازىر شىياۋ چىنىڭ يارىسىنىڭ  تەدىرىجى مۇقملاشقانلىقىنى ئاشكارلىغان.

   دادا قىزىنىڭ ياتقان ھالىتىدىن ئۆلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالغان

 12-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈش سائەت 12دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە، 3 ياشلىق قىز شىياۋ چى يۇقاپ كىتىدۇ. قىزنىڭ دادىسى 22 ياشلىق سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى باۋ جۇاڭ ناھايتى جىددىلىشىدۇ، قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ياتاق ئەتراپىنى قويماي ئىزدەيدۇ.

   ئەسلى بۇ بەختسىز قىز ئاپىسى ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندە دادىسىغا تاشلىنىپ قالغان ،دادىسى قىزىنى بىللە ئىلىپ خۇيياڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇشلاردا ئىشلەپ ،تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى.

    شىياۋ چى تېخى يېرىم سائەت بۇرۇنلا چۈشلۈك تامىقىنى يەپ ،ئوينىغىلى چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەيدۇ، ئىشدىشى خۇاڭ گۇۋوپىڭنىڭ دېيىشىچە باۋ جۇاڭ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قىزىنى سورىغان. ئۇنىڭ قىزى شىياۋ چى ھەمىشە دادىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدىكى دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئۇيان بۇيان چېپىپ ئوينايتتى ،يېگۈدەك نەرسە بولسا ئىزدەپ يەيتتى،شۇڭا قىزنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئەتراپىدىكى تونۇش- بىلىشلىرى ئانچە ئېرە ن قىلىپ كەتمىگەن.

   باۋ جۇاڭ دىققىتىنى ياتاق رايونى چىتىدىكى پاكار ئۆيلەرگە يۆتكەپ ئىزدەشكە باشلايدۇ،قىزچاق كۆرۈنمەيتتى.بۇ چاغدا سائەت 14 تىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ يەنە توختىماي ئىزدەپ ياتاق رايونىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىدىكى ئاممىۋى خالانىڭ غەربىي يېنىغا كېلىپ ،ئىككىنچى قەۋەتكە يامىشىپ چىقىپ سول چەتتىن بىرىنچى ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چېكىدۇ،ياتاقتىن بىر ئەرنىڭ- توختاپ تۇر،كىيىمىنى كىيىۋالاي –دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.  ئىشىك تاقالمىغان بولغاچقا ئاستا ئىتتىرىپ ئىچىگە كىرىدۇ، ئۆزىنىڭ بىر ئىشدىشى ئىشىك تەرەپكە يانچە بولۇپ ئىشتىنىنى كىيىۋاتقان،ئىككى قۇلى بولسا قان يۇقى ئىدى.كارىۋاتتىن بىر پۇت كۆزگە چېلىقاتتى،مىدىرلىماي جىم ئىدى،بىر يانغا قۇيۇپ قۇيۇلغان ئاياق ،كىيىملەردىن، ياتقان قىزنىڭ دەل ئىزدەۋاتقان قىزى شىياۋچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن باۋ جۇاڭ نېمە قىلارىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ،شۇ مىنۇتلاردا قىزىنىڭ ھالىتىدىن ئۆلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالغان.

ساقچىلار دېلو نىڭ تېزلا پاش بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بار دەيدۇ

    باۋ جۇاڭ ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قۇيۇپ پەسكە چۈشۈپ تېلېفوندا دېلو مەلۇم قىلىدۇ،ساقچىلار كەلگەندە گۇماندار ئاللىقاچان دېلو نەق مەيدانىدىن غايىب بولغان ئىدى.

   باۋجۇاڭ شۇ چاغدا گۇماندارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تىركەشمىگىنىگە،ئۇنى توسۇمىغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈندى، ئۇنىڭ دېيىشىچە گۇماندار ئۆزىدىن قاۋۇل،ئېگىز بولغاچقا،ئۆزى يالغۇز تەڭ كېلەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن.ئۇنى چۈچۈتۈپ قويماي دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىغا مەلۇم قىلىپ بولۇپ، كۈتۈپ تۇرغان،يا ئىشداشلىرىنى يا ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى ياردەمگە چاقىرمىغان.

   ئىشداشلىرى –بىز شۇ چاغدا بىرەرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى ھېچقانداق ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاچقا چىقماپتىمىز،ئەگەر خەۋەر تاپقان بولساق ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ۋە ئىشچىلار ھەرگىزمۇ گۇماندارنى قاچۇرۇپ قويمىغان بۇلاتتى-دېيىشىدۇ.

    سائەت 14تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە توخۇ ساقچىخانىسىدىن 9نەپەر ساقچى نەق مەيدانغا يىتىپ كەلگەندە جىنايەت گۇماندار قېچىپ كەتكەن ئىدى.25-چېسىلا چۈشتىن كىيىن ساقچى مۇخبىرغا -دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن  جەزىملىنىشچە، تاڭ فامىلىلىكنىڭ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان گۇماندار ئىكەنلىكىنى ،زوراۋانلىق جەريانىدا قىزنىڭ باش قىسمىنىڭ زەخمىلەنگىنىنى-ئېيتقان. ھەم دېلوغا دائىر يىپ ئۇچىلىرىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ،دېلونىڭ پاتلا پاش بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

    قىزنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،شىياۋ چىنىڭ بېشى يېرىلغان،پېشانىسى،سول كۆزىنىڭ قۇيرۇق 10 تىكىش تىكىلگەن،ھازىرقى ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم،سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يامان ئەمەس ئىكەن.