ئۆزبېكېستاندا ئىچ-كىيىملەرنى ئوچۇق-ئاشكارا سېتىش چەكلەندى

0 2011-12-29 11:20:41   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    12-ئاينىڭ26-كۈنى، ئۆزبېكىستان ئىختىيارىي رادىئو ئىستانىسى جاكارلاپ، تاشكەنت يەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مەركىزى شىېرگېلىن رايونى سودا-سارىيى بىلەن بازار ۋىترىنالىرىدا ئاياللارنىڭ ئىچ-كىيىملىرىنى ئېسىش چەكلەندى دېدى.
   بۇ بۇترۇق جاكارلانغاندىن كېيىن، تاشكەنتتىكى بىر قىسىم مەخسۇس ئىچ-كىيىم سېتىش دۇكانلىرى تاقىلىپ كەتتى، سودا-سارايلاردىكى سېتىش پۇكىيىمۇ تاقىلىپ كەتتى.
  بۇ ئۇچۇر باج ئىشلىرى تارمىقى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىندى.بۇنداق ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىشتىكى سەۋەب ئاساسلىقى شەھەر ئاممىسىنىڭ بەك كۆپ ئەرزىيەت سۇنۇپ كەتكەنلىكىدىن بولۇپ،  شىېرگېلىن يېڭى رايونى رايون باشلىقى بازار ۋە يايما ئورنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىچ-كىيىملەرنىڭ پۇكەيدە ياكى ئېسىقلىق تۇغۇنىنى كۆرۈپ كۆزىگە سىغماي بۇ بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇنداق ئەھۋال بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدار، ئىچ-كىيىم سېتىش چەكلەنمىدى پەقەت رەتكە سېلىۋاتىمىز دېدى.
    بىر ئىچ-كىيىم سېتىش سودىگىرى بۇ بۇيرۇق كىشلەرنىڭ ئېستىمال ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزدى دېدى، ئېستىمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداش تارمىقى، گەرچە بۇ ئېستىماك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ بۇ يۇقىرى ھۆكۈمەتتىن چۈشكەن بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايمىز دېدى، يەرلىك مەمۇرىي ئىشلار تارمىقى  ئەگەر بۇ بۇيرۇققا نىسبەتەن ئەرزىيەت سۇنىدىغانلار چىقسا بۇ بۇيرۇقنى يەنە قايتىدىن ئانالىز قىلىدۇ دېدى.
    2004-يىلى سىپروس پايتەختىدىمۇ مۇشۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ،ئاممىۋى سورونلادا كىشلەرنى كۆزى چېلىقىدىغان يەرلەرگە ئىچ-كىيىم ئېسىش چەكلەنگەن، ئەگەر بايقىلىپ قالسا جەرىمانە قويۇلغان، نىكوسىيە شەھەر باشلىقى سىپروس رادىئو تېلىۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شەھەر ئاھالىسىگە:«ئويلاپ بېقىڭلار، سىز يولدا كېتىۋاتقاندا، باشقىلار تېخى قۇرۇمىغان ئىچ-كىيىملىرىنىڭ سۈيىنى ئېسىپ قويغان بولسا، سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە تامغاندىكى ھالىتىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ»دېدى، كيېۋدە ئاھالىلەرنىڭ ئىچ-كىيىم كىيىپ ياكى ئۇخلاش كىيمى كىيىپ بالىكونلارغا چىقىش چەكلەنگەن، ئەنگىلىيە مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلاردا ياكى رادىئولاردا ئىچ-كىيىم ئېلانى قويۇش چەكلەنگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر