ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلىگرامما گېزىتىنىڭ 27-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى كۈنى ئىسپاتلاپ،ساقچى تەرەپنىڭ ھاجەتخانىغا 5ئايدىن ئارتۇق سولاپ قويۇلغان ئافغانىستانلىق 15ياشلىق قىزنىڭ قۇتقۇزۇپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتقان.بۇ قىز ئىپپىتىنى سېتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن،ئەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇشى ۋە قاماپ قويۇشىغا ئۇچرىغان.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى سەھەر گۈل بولۇپ،ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسىدىن كەلگەنىكەن.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن،ساقچىلار ئۇنىڭ ئېرى ئولتۇرىدىغان ئۆينىڭ يەر ئاستىدىكى ھاجەتخانىدىن ئۇنى تېپىپ چىققان.شۇ يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پازىل راخماننىڭ ئېيتىشىچە،قىز تاياق يەپ، تىرناقلىرى سۇغۇرۋېلىنغان،بىلىكىمۇ سۇنۇپ كەتكەن.
گۈل 7ئاينىڭ ئالدىدا ئېرىگە ياتلىق قىلىنغان بولۇپ،كېيىن باغلان ئۆلكىسىگە ئاپىرىلىپ تېنىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان.بۇ ئارلىقتا ، گۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىغان.راخمان سۆزلەپ،بۇ ئەنزىگە مۇناسىۋەتلىك 3ئايال قولغا ئېلىنغان ، بۇنىڭ ئىچىدە گۈلنىڭ قېيىن ئاپىسىمۇ بار،ئەمما ئۇنىڭ ئېرى قېچىپ كەتتى دېدى.
بۇ ئەنزە يەنە بىر قېتىم ئافغانىستان قىزلىرى ئۇچراۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى،2011-يىلى 2-پەسىلدە ، ئافغانىستان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى جەمئىي 1026قېتىملىق ئاياللارغا زورلۇق قىلىش ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغان. ‹‹Oxfam››مۇشۇ يىل 10-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،%87ئافغانىستانلىق قىز-ئاياللار تەن،جىنسىي ۋە پىسخىكا قاتارلىق تەرەپلەردىكى زوراۋانلىق ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە توي قىلىدىغان ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ