ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاخىرقى باسقۇچتىكى بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى نورمال داۋالىنىشتىن سىرت، يەنە ھەر كۈنى ئاز مىقداردا ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئىچىملىك سوداسى (ناترىي بىكاربونات) نى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى ئادەتتىكى بىمارلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىچىلىك بولۇپ، ساغلام كىشىلەرنىڭ قېرىلىقتىن بولىدىغان بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن، ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ياىشىلىنىدىكەن. ئادەتتە ئىچىملىك سوداسى ئىستېمال قىلمىغان بىمارلارنىڭ %45 دە كېسەلنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولىدىكەن، بىراق ئىچىملىك سوداسى ئىستېمال قىلغان بىمارلارنىڭ %9 دە كېسەلنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولىدىكەن. گەرچە بۇلارنىڭ تېنىدە ناترىينىڭ مىقدارى ئازراق ئۆرلەپ قالسىمۇ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى ياكى قان بېسىمىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلمايدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ