تاماقتىن كېيىن شورپا ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق

0 2011-12-16 11:55:47   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      شورپىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، دائىم شورپا ئىچىپ بەرگەندە سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. بىراق تاماقتىن كېيىنكى شورپا ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ.
      تاماقتىن ئىلگىرى ئازراق شورپا ئىچكەندە، ئېغىز ۋە كېكىردەك سىلىقلىنىپ، قاتتىق - قۇرۇق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم يوللىرىدىكى شىللىق پەردىلەرنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يېمەكلىكلەرنى سۇيۇلدۇرۇپ ۋە ئارىلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىنىشنى، سۈمۈرۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، تاماقتىن ئىلگىرى شورپا ئىچكەندە ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئىچكى دىۋارىغا كۆپرەك يېپىشىپ، ئاشقازاننىڭ تويۇنۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوزۇقلىنىش نېرۋىسىنى تورمۇزلاپ، ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىدۇ.
      تاماقتىن كېيىن شورپا ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق، بىر تەرەپتىن ئاللىقاچان تويۇپ بولغان قورساققا يەنە شورپا ئىچسە ناھايىتى ئاسانلا ئوزۇقلۇق ئوشۇقچىلىقى پەيدا بولۇپ، ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تاماقتىن كېيىن ئىچىلگەن شورپا ئەسلىدىلا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئارىلىشىپ بولغان يېمەكلىك بوتقىسىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر