رادىياكسىيەدىن ساقلىنىشتىكى ھالقىلىق نۇقتىلار

0 2011-12-15 12:40:33   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ھازىرقى ۋەزىيەتتە، كىشىلەردە رادىياكسىيەدىن ساقلىنىش ئېڭى شەكىللەندى، لېكىن كونكرېت ئۇسۇلنى قوللىنىشتا، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ھالقىلىق نۇقتىلارنى تۇتالمايۋاتىدۇ، بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ ياكى سەل قاراۋاتىدۇ.
      كومپيۇتېرنى ئاچقاندا يىراقراق تۇرۇش كېرەك
      كومپيۇتېرنىڭ رادىياكسىيەسى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان ۋاقىت كومپيۇتېر ئېچىلغان پەيت، شۇڭلاشقا كومپيۇتېر ئېچىلىپ ئېكران يورۇغانغا قەدەر، ئېكران ئالدىدىن يىراقلاپ رادىياكسىيەدىن ساقلىنىش كېرەك.
      ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتكەندە توك سىمىدىن يىراقراق تۇرۇش كېرەك
      ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى ئەڭ كۆپ پەيدا بولىدىغىنى ئېلېكتىر سايمانلىرى بولماستىن، بەلكى توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدىغان توك سىمىدۇر. شۇڭلاشقا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتكەندە ئامالنىڭ بېرىچە توك سىمىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
      مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكىنى ئىشلەتكەندە 1 مېتىر ئارىلىق ساقلاش كېرەك
      مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكىنى ئىشلەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى 1 مېتىر ئارىلىق ساقلاپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر