ئەسلىدە ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، قاندىكى قەنت ۋە ياغلارنىڭ سەرپىياتى تۆۋەنلەيدۇ، سۈيدۈك كىسلاتاسى ۋە پىروۋىك كىسلاتاسى قاتارلىق كېرەكسىز ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئوڭايلا يۇقۇرى قان قەنتى (دىيابېت)، يۇقىرى قان مېيى ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. يەنە ئەسەبىيلىشىش ۋە نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش قاتارلىق روھىي كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىكى (بەدىنىنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرگەندە نېمە ئۈچۈن ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ؟ زىيادە سېزىمچانلىقنى مىسالغا ئالساق غەرب تېبابىتىدە مۇنداق چۈشەندۈرىلىدۇ: گۈل چېڭى، چاڭ - توزان، زەمبۇرۇغ، كالا سۈتى ۋە تۇخۇم ئېقى قاتارلىق ئانافىلاكتوگېنلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە، قاندىكى B لىمفا ھۈجەيرىسى دەرھال ئانتىتېلا (قارشى تۇرغۇچى) ئىشلەپچىقىرىپ ئانافىلاكتوگېنلارغا زەربە بېرىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىلا ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولسا، كۆپ مىقداردىكى ئانتىتېلا (قارشى تۇرغۇچى) لارنى ئىشلەپچىقىرىپ ئانتىگېنلارغا قارشى تۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانتىگېن ئانتىتېلا كومپلېكىسى (بىرىكمە ماددىسى) يوغىنىغان (قېلىنلىغان) ھۈجەيرىنى غىدىقلاپ، گىستامىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، كاناينىڭ تارىيىشى ۋە قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىققا كېسىلى (دەم سىقىلىش)، پوتلا ئېقىش، ياش ئېقىش، ئورتىكارىيە ۋە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈشتە: بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن ۋە سۇدىن زەھەرلەنگەندە، لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، كۆپ مىقداردىكى ئانتىتېلا (قارشى تۇرغۇچى) لارنى ئىشلەپچىقىرىپ ئانتىگېنلارغا قارشى تۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانتىگېنلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەندە ياش ئېقىش، پوتلا ئېقىش، چۈشكۈرۈش، بەلغەم كېلىش، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلار پەيدا بولۇپ، ئارتۇقچە سۇلار چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن تېمپىراتۇرىسى يۇقۇرى ئۆرلەپ، لىمفا ھۈجەيرىسى كۈچلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئانتىتېلا (قارشى تۇرغۇچى) ئىشلەپچىقىرىپ ئانافىلاكتوگېنلارغا زەربە بېرىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن تېمپىراتۇرىسى يۇقۇرىراق كىشىلەردە زىيادە سېزىمچانلىق ئاسانلىقچە كۆرۈلمەيدۇ.
ئەگەر ئادەمنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39.3 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشسا، بەدەندىكى راك ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئەكسىچە بەدەن تېمپىراتۇرىسى بەك تۆۋەنلەپ كەتكەندە بولسا راك ھۈجەيرىلىرى جانلىنىپ كېتىدۇ. ياپونىيىدە راك بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى 1957 - يىلىدىكى تەخمىنەن 136 مىڭدىن، 2007 - يىلىغا كەلگەندە 330 مىڭغا يەتكەنلىكى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم بەدىنىدە راك ھۈجەيرىسى مەۋجۇت، بىراق يۈرەك، تال ۋە ئىنچىكە ئۈچەيدە راك ھۈجەيرىسى بولمايدۇ، چۈنكى يۈرەك توختىماستىن سوقۇپ تۇرغاچقا، تالغا نۇرغۇن قىزىل قان ھۈجەيرىسى يىغىلغان بولغاچقا، ھەم ئىنچىكە ئۈچەيدىمۇ لۆمۈلدەش توختىمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئاسانلىقچە راك بولمايدۇ. قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، چوڭ ئۈچەي، ئۆپكە، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان قاتارلىق ئەزالاردا ھۈجەيرىلەر ئاز، ئىسسىقلىق ساقلىشى تەسرەك بولغاچقا، ئاسانلا راك بولۇپ قالىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ ئۈچەي راكى تېز كۆپەيدى، بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، چوڭ ئۈچەي پەقەت تەرەت قىلغاندىلا ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەرىكىتى يېتەرسىز بولۇپ ئىسسىقلىقنى كۆپ ھاسىل قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ، ئاسانلا راك بولۇپ قالىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ