بۇرۇن قاناشنى داۋالاشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى

0 2011-12-15 12:36:15   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
بۇرۇن قاناش قاننىڭ سۇيۇلۇپ يېپىشقاقلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى ياكى بۇرۇن ئىچىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قان ياسىغۇچى ئورگانلار پائالىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى، بۇرۇن كولاش ئادىتى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇشتۇمتۇت كۆرۈلىدىغان، ئۇزاققا سۇزۇلىدىغان، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇرۇن ئۇشتۇمتۇت قاناپ كېتىش، قان پات توختىماسلىق، بەزىدە باش ئاغرىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ:
      1. g100 بۇغدايغا ئىككى چىنە سۇ قوشۇپ، بىر چىنە سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ، سۈيى ئىچىلسە، بۇرۇن قاناشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
       2. قوينىڭ قېنىدىن g60 قىزىق پېتى ئىچىلسە، بۇرۇن قاناش توختايدۇ.
       3. g30 ئانار گۈلىنى ئىككى چىنە سۇدا بىر چىنە قالغۇچە قاينىىتپ تىرىپنى ئېلىۋېتىپ سۈيى ئىچىپ بېرىلسە، بۇرۇن قاناشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
      4. ئىككى دانە تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئېقىنى بىر چىنە قايناق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، g30 ئاق شېكەرنى قوشۇپ ئىككىگە بۆلۈپ ئىچسە، بۇرۇن قاناش توختايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارغا ماس كېلىدۇ.
      5. بىرنەچچە باش ئاق تۇرۇپنى يۇيۇپ يۇمشاق چاناپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا g50 دىن ئىچسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
      6. گۈلدىن g30 ئېلىپ، ئېزىپ قايناق سۇ بىلەن ئىچسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
      7. خاسىڭنىڭ پوستى (نېپىز قىزغۇچ رەڭلىك پوستى) دىن g6، چىلاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، مەنپەئەت قىلىدۇ.
      8. دادۇر گۈلىنى سايىدا قۇرۇتۇپ يانجىپ، ھەر قېتىمدا g10 دىن قايناق سۇ بىلەن ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
      9. ئاچچىق ئانار پوستىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
      10. تاۋۇز پېلىكىدىن g30 ئېلىپ، قۇرۇتۇپ، يانجىپ ئۈچكە بۆلۈپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
      11. يۇمغاقسۈت سۈيىنى كاپۇر ئېرىتمىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇنغا تېمىتسا قان توختايدۇ.
       12. ئانار گۈلى پوستى، قىزىلگۈلنىڭ سېرىق چېچىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن g10، سەندەلدىن g1، گاۋزىباندىن g3 ئېلىپ، چالا سوقۇپ، دەملەپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
      13. بۇرۇن قاناپ كەتكەندە، پاختىنى ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ، بۇرۇنغا تىقىپ قويسا، قان توختايدۇ.
      14. بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىل ئالدىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى قاناش رايونىدىن چىققان قاننى، باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بۇرۇن قانىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن 10-5 مىنۇتقىچە چىڭ چىمدىپ تۇرۇش ئارقىلىق توختاتقىلى بولىدۇ.
      15. ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يەرلىك ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، يەرلىك ئورۇندىكى قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىش ھەمدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئارقىلىق قان ئۇيۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق قان توختاتقىلى بولىدۇ.
     16. زەخمىلىنىش ياكى بۇرۇنغا يات نەرسىلەر كىرىپ كېتىپ بۇرۇن قاناشنى پەيدا قىلغان ھەمدە بۇرۇن قاناش دەرىجىسى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، كۆپ قان چىقىپ كېتىش خەۋپى بولغاندا، قان تومۇرلارنى بوغۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم. يەنى بىمارنىڭ يۇقىرىقى بىلىكىنى قولتۇقىدىن، چوڭ يوتىنى يىرىقتىن بوغۇش ئارقىلىق قان توختاتقىلى بولىدۇ.
      17. ئوڭ بۇرۇن قانىسا جىگەر ساھەسىگە، سول بۇرۇن قانىسا تال ساھەسىگە لوڭقا قويۇش ئارقىلىق قان توختاتقىلى بولىدۇ.
      18. بۇرۇن قاناشنى توختىتىشتا چالا كۆيدۈرۈلگەن پاختىنى قانىغان بۇرۇن بوشلۇقىغا تىقىپ، قان توختىغاندىن كېيىن ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر قان مىقدارى نىسبەتەن كۆپ، لېكىن قانىغان ئورۇن ئېنىق بولمىغان ياكى يۇقىرىقى قان توختىتىش ئۇسۇللىرى ئۈنۈم بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئالدىن تەييارلىۋېلىنغان پاختا شارىكىنى يۇمشاق سوقۇلغان تاش سۈرمە تالقىنىغا ئوبدان چىلاپ (يۇقتۇرۇپ) قانىغان بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگۈزۈپ، 6 سائەتتىن 24 سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ، قان توختىغاندىن كېيىن ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
      19. پىيازنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن بۇرۇنغا تېمىتسا، بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
      20. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
      12. كۈدىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، سۈيىگە بەزىرۇلبەنجى ۋە سىركىنى قوشۇپ بۇرۇنغا تېمىتسا، بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.
      22. ئانارگۈلى، ئانار پوستى، قىزىلگۈل، سېرىقچېچەك قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن g10، سەندەلدىن g1، گاۋزىباندىن g3 ئېلىپ، چالا سوقۇپ ئىستېمال قىلسا، بۇرۇن قاناشقا شىپا بولىدۇ.
     23. ئانار ئۇرۇقىنى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئانار سۈيى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىپ، سىرتقى تەرەپتىن ئانار پوستىنى سوقۇپ ئىككى چېكە ۋە پېشانىگە چاپسا، ئۇزاققا سوزۇلغان بۇرۇن قاناشقا شىپا بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر