12-دېكابىر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىراقتىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان ھەربىي مەشقاۋۇللارنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
شۇ كۈندىكى باياناتتا، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى نورس.فوگ.راسموسېن مۇنداق دېگەن:« سىياسەت بەلگىلەش ئورگىنى ئاتلانتىك ئوكيان ئىشلىرى كومېتىتى يىغىنى، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىراقتىكى ھەربىي مەشقاۋۇللىرىنى «مەڭگۈگە چېكىندۈرۈپ» چىقىپ كېتىشنى قارار قىلدى.»
راسموسېننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، نەچچە ھەپتە بۇرۇن ش ئا ئە ت بىلەن ئىران بىرلىكتە باش قوشۇپ مەسلىھەتلەشكەن، بىراق ئاقىۋەتتە «ئۇزۇنغا داۋاملاشقان مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە ئورتاق پىكىرگە كېلىش مۇمكىن بولمىغان.»
11-دېكابىر ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى فەلەق.فايېد ئالدى بىلەن ش ئا ئە ت نىڭ بۇ قارارىنى ئاشكارىلىۋەتكەنىدى. ئەمما شۇ كۈنى ش ئا ئە ت نىڭ باش شىتابى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، «بۇ توغرىدا تېخى قارار چىقىرىلمىدى» دېگەنىدى.
ش ئا ئە ت ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي مەشقاۋۇللارنى ئەدلىيەدىن كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈش مەسىلىسىدە ئىزچىل ئورتاق تونۇشقا كېلەلمىگەنىدى. ئوخشاشلا، ئىراقمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئەدلىيەدىن كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەچكە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى.
ش ئا ئە ت نىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق مەشقاۋۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەشق سېستىمىسى ۋە تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىش ئىدى.
راسموسېننىڭ ئېيتىشىچە، 2004-يىلىدىن ھازىرغىچە، ش ئا ئە ت جەمئىي 500دىن ئوشۇق ھەربىي ئىشلار خادىمى ۋە 10مىڭدىن ئارتۇق ساقچىنى تەربىيىلەپ چىققان.
ھەمبەھىرلىنىڭ