چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-دېكابىر ئىراقتا شىئە مەزھىپىدىكى ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار نەچچە قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ،رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 32 ئادەم قازا قىلىپ ، ئون نەچچە ئادەم يارىلانغان .
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق ۋەقە ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر ھىرادا يۈز بەرگەن .يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، لىق بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ يېنىدىلا پارتلىغان بولۇپ ،بۇ قېتىمقى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدە 16 ئادەم قازا قىلغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار ئىكەن .
ئۇنىڭدىن كېيىن، پايتەخت باغدادتا يەنە ئىككى قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 11 ئادەم قازا قىلغان.
ساقچى تەرەپ ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئېيتىشىچە ، شىمالىي ۋە شەرقىدىكى رايونلاردىمۇ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان.ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشۇرا بايرىمى كۈنى يۈز بەرگەن .ئامېرىكا ئارمىيىسى رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە ئىراققا كىرگەندىن بۇيان ، ئاشۇرا بايرىمى مەزگىلىدە دائىم زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ ، سۈنئىي مەزھىپىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلار شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن .
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 10 مىڭ ئەسكىرىنىڭ بۇ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىگە بىر ئايمۇ قالمىغان ۋاقىتتا، چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : يېقىندا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئىراق خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئاجىز تەرىپىنى ئاشكارىلىدى .
11-ئايدا، ئىراقتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 200 گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان . لېكىن ئىراق دائىرىلىرى ، ئۇلار ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە پۇقرالار ، دەپ تۇرۇۋالغان .
ھەمبەھىرلىنىڭ