ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇغداينىڭ قارا باشاق كېسەللىكى كۆپ كۆرۈلىدۇ. قارا باشاق كېسەللىكى ئاممىباب تىلدا »كۈلرەڭ باشاق« دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇغداي بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن تۈپ بالدۇر باشاق چىقىرىدۇ، بۇغداي باشىقى غەلىتە شەكىلگە كىرىدۇ. كىچىك باشاقنى ئاقۇچ كۈلرەڭ پەردە قاپلىۋالىدۇ، ئىچىگە قارا توزان توشۇپ كېتىدۇ. كۈلرەڭ پەردە يېرىلغاندا قارا توزان توزۇپ چىقىپ، باشاق ئوقىلا قالىدۇ. بۇ چاغدا ساغلام تۈپ دەل چېچەكلەش مەزگىلىدە بولغاچقا، كېسەللىك مىكروبى گۈل ئورگىنىغا چۈشۈپ ئۇرۇققا كېسەللىك مىكروبىنى يۇقتۇرىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇرۇق بىلەن بىللە بىخلىنىپ كۆپىيىپ، كۆپلىگەن قارا توزاننى ھاسىل قىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كېسەللىكتىن خالىي ئۇرۇقلۇق ئېتىزىنى قۇرۇپ، كېسەل تەگمىگەن ساغلام ئۇرۇقنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇرۇقنى يىلمان سۇغا چىلاش كېرەك. بۇنىڭدا بۇغداي ئۇرۇقى 54-50لۇق يىلمان سۇغا 15-10 مىنۇت چىلاپ قويۇش ئارقىلىقمۇ قازا باشاق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يوقاتقىلى بولىدۇ. يەنە تىرىتساننىڭ %40 لىك پاراشوكى بىلەن ئۇرۇقنى دورىلىسىمۇ بولىدۇ. ھەر100كىلوگىرام ئۇرۇق0.3 كىلوگىرام دورا بىلەن دورىلىنىدۇ. تىرىيامنىڭ %40 لىك نەملىنىشچان پاراشوكى بىلەن ئۇرۇق دورىلانسىمۇ بولىدۇ. ھەر100كىلوگىرام ئۇرۇقنى دورىلاش ئۈچۈن 0.2-0.1 كىلوگىرام دورا كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ