باداملىق باغنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئوغۇتلىغاندا، دەرەخنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تېز ئەسلىگە كېلىپ، يېڭى يىلتىزلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چېچەك بىخلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. يەنە بادام دەرەخلىرىنىڭ شاخ ۋە غول قىسمىدا ئوزۇقلۇقنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى، سوغۇققا بولغان چىدامچانلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
مەھەللىۋى ئوغۇتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، پارچىلىنىشى ئاستا، ئۈنۈم بېرىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقتىن، بادام دەرەخلىرىنى ئوغۇتلاشتا مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەڭ مۇۋاپىق ئوغۇتلاش ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە بولۇپ، ھەربىر تۈپكە t80~50 مەھەللىۋى ئوغۇت ۋە t2~1 خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
دەرەخ تاجىسىنىڭ يەرگە چۈشكەن سايىسىنى ئاساس قىلىپ، شۇ سايىنىڭ سىرتقى چېگرىسىنى بويلاپ، يېرىم چەمبەر شەكلىدە كەڭلىكى p30~25، چوڭقۇرلىقى p50~40 بولغان ئورەكنى كولاپ تۈپلەر بويىچە ئوغۇتلاش ياكى دەرەخ غولىدىن سىرتقا قارىتىپp04~02 كەڭلىكتە چوڭقۇرراق ئورەك كولاپ، ئوغۇتنى ئورەككە تەكشى چېچىپ كۆمۈش كېرەك. ئوغۇتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئورەكنى چوڭقۇرراق كولاش كېرەك.
ئوغۇتلاشتا بىرىنچى يىلى ھەربىر رەتنىڭ بىر تەرىپىنى، كېلەر يىلى يەنە بىر تەرىپىنى ئوغۇتلىسا بولىدۇ. سۇغىرىش ئېرىقىغا تىكىلگەن بادام تۈپلىرىنى ھەر يىلى ئوخشاشلا بىر تەرەپتىن ئوغۇتلىسا بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ