28-نويابىر، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ يىغىن زالىدا‹‹توقسۇن مۇقاملىرى ››نىڭ DVD-CD پلاستىنكىلىرىنى تۇنجى قېتىم تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى تۆمۈر داۋامەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي
كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام سەنئەت تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى شۇنداقلا ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ ۋالىسى ئىلھام ئوسمان، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جوۋ چىڭيۈن قاتارلىق ۋىلايەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
توقسۇن ناھىيەسىنىڭ تۆت يۈرۈش كوللېكتىپ رەھبەرلىرى، توقسۇن ناھىيەلىك يېزا (بازار) لارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، توقسۇن ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى شۇنداقلا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، رادىيو – تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىن يې گۇرۇھى، خۇا دىيەن گۇرۇھى، شۆ يىن گۇرۇھى، شېن شىيۇڭ گۇرۇھى، شىن جىيايۈەن شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھاكىم ئادىل ئېلى تارقىتىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رىزۋان ياسىن ھەر قايسى رەھبەرلەر ھەم مېھمانلارغا ‹‹توقسۇن مۇقاملىرى›› ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، يىغىندا ۋەكىل ئورۇنلارغا ‹‹توقسۇن مۇقاملىرى››نىڭ DVD-CD پلاستىنكىلىرى سوۋغا قىلىندى، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك كومپوزىتور ئابلىكىم ئامىسلىم مۇراسىمدا سۆز قىلدى، ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەيىم ياسىن مۇھىم سۆز قىلدى.
توقسۇن مۇقاملىرى ›› مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىمنىڭ ئۆزى سۈرۈشتۈرۈپ زور مەدەتلەرنى بېرىشى، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ياردىمى ھەم كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇزاق مۇددەت قېزىش، رەتلەش ئارقىلىق، ئاخىرى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى.
توقسۇن مۇقاملىرى قەدىمكى ئۆتەڭدىكى ئوخشاش بولمىغان مۇزىكا ئۇسسۇل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تارقىتىش، گىرەلىشىش تارىخىنى خاتىرىلەپ دەلىللىگەن. توقسۇن مۇقاملىرىنىڭ بەدىئىي فىلىمىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەش ئارقىلىق توقسۇن ناھىيەسى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە خەلق ئارىسىدىكى ئەل- نەغمىلەرنى، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك، مىللىي ئۆرپ – ئادەت قاتارلىقلارنى تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىپ، توقسۇن مۇقاملىرىنىڭ ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد تارقىلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
بۇنىڭدىن كېيىن، بىز توقسۇن مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، توقسۇن مۇقاملىرىنى قېزىش، ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە زور كۈچ سەرپ قىلىپ غەيرىي ماددىي- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى قۇرۇپ، توقسۇن خەلق ناخشىلىرىنىڭ رەتلەش، سىنغا ئېلىپ كىرىشتۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، پېشقەدەملەر يېڭىلارنى يېتەكلەش شەكلى ئارقىلىق بىر تۈركۈم ياش ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى تەربيەلەپ چىقىپ، ئىلغار مەدەنىيىتىنى يېتەكچى قىلىپ 17-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقسۇن مۇقامىنى توقسۇننىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان « مەدەنىيەت- سەنئەت قامۇسى»غا ئايلاندۇرىمىز.