قاراماي بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى

0 2011-12-05 12:50:51   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كېلەر يىلى قارامايغا  ماكانلىشىپ، كۈز پەسلىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمۈت بار  .

ئىگىلىنىشچە، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قارامايغا ماكانلىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2012-يىلى كۈز پەسىللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ۋۇشېڭ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋېن مەكتەپ مۇدىرى دۇڭ چى بىلەن قارامايدا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇش ھەمكارلىق تۈرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى كېلىشىم ئىمزالاشقا ئومۇميۈزلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئىشلىدى. دۇڭ چى قاراماينىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى قاراماي بىلەن بولغان مائارىپ ھەمكارلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ دېدى.

سىرت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئەلا  سۈپەتلىك مائارىپ   بايلىقىنى    كىرگۈزۈش قاراماينىڭ « 12-بەش يىللىق » پىلان مەزگىلىدە  مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 9-ئايدا، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ تاشقى ھەمكارلىق بويىچە مەكتەپ ئېچىش بۆلۈمى ۋە مائارىپ  تەربىيلەش مەركىزىدىن ئىبارەت ئىككى تارماق بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قارامايدا  بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجىربە رايونى قۇرۇش ھەمدە  قارامايدا بېيجىڭ ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلەردە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق مەملىكىتىمىزدىكى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېت بولغان بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، جۇڭگودىكى پىداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىندا، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ   تەربىيلەش مەركىزى ۋە تاشقى ھەمكارلىق بويىچە مەكتەپ ئېچىش بۆلۈمى قاراماينى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، قاراماينىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيىسى بولۇپمۇ مائارىپ ئىدىيىسى، مائارىپ ئىسلاھاتى روھى، ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە ئومۇمىي مۇھىتىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە مۇئەييەنلەشتۈردى.قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى بىلەن « ئاساسىي مائارىپ  تەجىربە مەكتەپ ھەمكارلىق كېلىشىمى » ئىمزالىدى. قارامايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، 13-ئوتتۇرا مەكتەپ، 6-باشلانغۇچ مەكتەپ، 18-باشلانغۇچ مەكتەپ، شەھەرلىك مەركىزى يەسلى قاتارلىق بەش ئورۇن بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئاساسىي مائارىپتىكى تەجىربە مەكتەپلىرى قىلىپ بېكىتىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博