جۇڭگو لائوس بىرما تايلاند قاتارلىق تۆت دۆلەت12-ئايدا مىكوڭ دەرياسىنى بىرلىكتە چارلايدۇ

0 2011-11-29 11:41:31   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    جۇڭگو لائوس بىرما تايلاند قاتارلىق تۆت دۆلەت مىكوڭ دەرياسىنى بىرلەشمە چارلاش قانۇن ئىجرا قىلىش مىنىستىرلار يىغىنى 26-چىسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى،مېڭ خوڭۋېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ،تۆت دۆلەتنىڭ مىكوڭ دەرياسىدا بىرلەشمە چارلاش قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ گۇەنلېي پورتىدا تۆت دۆلەت بىرلەشمە چارلاش قانۇن ئىجرا قىلىش سەپىرى مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش،شۇ ئارقىلىق مىكوڭ دەرياسى ئىقتىسادى ئالاقە رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش،مىكوڭ دەرياسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئورتاق ئاسراش،مىكوڭ دەرياسى ئېقىنىدا ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خادىملار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

    بۇ قېتىملىق يىغىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى  جۇڭگو لائوس بىرما تايلاند مىكڭ دەرياسى ئېقىن رايونىدا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق  يىغىنىدا بېكىتىلگەن كونكىرت ئۇسۇللارنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،كېيىنكى قەدەمدىكى بىرلەشمە چارلاش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ۇىغىندا جۇڭگو لائوس بىرما تايلاند تۆت دۆلەت مىكوڭ دەرياسى بىرلەشمە چارلاش قانۇن ئىجرا قىلىش قوماندانلىق شىتابى قۇرۇش،جۇڭگو تەرەپ قوماندانلىق شىتابى قۇرۇو قالغا ئۈچ دۆلەتتە ئالاقە ئورگىنى قۇرۇش ،ۋاقتىدا ئاخبارات يوللاپ،ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەركىتىنى ماسلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.تۆت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى مىكوڭ دەرياسى بىرلەشمە چارلاش قانۇن ئىجرا قىلىش 24سائەتلىك ئالاقە لىنيىسى قۇرۇلدى.

   يىغىندا يەنە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ،مىكوڭ دەرياسىدا قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش   قارار قىلىندى.جۇڭگو تەرەپ بىرلەشمە چارلاش قانۇن ئىجرا قىلىش قورال ياراق ۋە خادىم تەربىيلەش جەھەتت لائوس بىلەن بىرمىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇبىرلەشمە ھەرىكەتنى ئورتاق تەشكىللەپ،مىكوڭ دەرياسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ئامانلىق مەسىلىلىرىنى ئورتاق تۈزەيدۇ.مىكوڭ دەرياسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىرلەشمە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ،ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ،مىكوڭ دەرياسى ئېقىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

   يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىندى.ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي يېغىنغا قاتناشتى ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلدى،لائوس خەلق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى جاڭ بوشىياڭ،تايلاند دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتىتىنىڭ كاتىپى ۋېي جيەن ۋە بىرما ساقچى قىسمىنىڭ مۇئاۋىن نازارەتچىسى زوۋىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博