1. پېشانىگە دانىخورەك چىقسا، روھىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى، مىجەز - كەيپىياتىنىڭ ناچارلىقى، قۇرۇق ئىسسىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇش، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك.
2. قاشنىڭ ئوتتۇرىغا دانىخورەك چىقسا، ئىچى سىقىلىش، ئىچى تىتىلداشتىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: قاتتىق ۋە ئېغىر ھەرىكەت قىلماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ئاچچىق - چۈچۈك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
3. بۇرۇن ئۇچىغا دانىخورەك چىقسا، ئاشقازاننى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقتىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
4. ئوڭ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا، ئۆپكە ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىقتىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: نەپەس يوللىرىنى ئاسراش ۋە دىققەت قىلىش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى، ئەنبەھ قاتارلىق ئاسان رېياكسىيە قىلدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
5. سول تەرەپ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا، جىگەر ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىنىشتىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: نورمال دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كەيپىياتنى ياخشىلاش، بەك تىنچىق يەردە تۇرماسلىق كېرەك.
6. لەۋ ئەتىراپىغا دانىخورەك چىقسا، قەۋزىيەت، سۈپەتسىز چىش پاستىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىشتىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: ۋىتامىن تەركىبى يۇقىرى مېۋە - كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
7. ئېڭەككە دانىخورەك چىقسا، ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىنىشتىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
قىسقىسى، يۈزىڭىزگە دانىخورەك چىقسا ھەرگىز سەل قارىماڭ
ھەمبەھىرلىنىڭ