نەزەربايېۋ يېڭى كابىنېت ئەزالىرىنى تەيىنلىدى

0 2011-10-09 12:22:36   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئاخبارات ئىدارىسى 11 - ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ شۇ كۈنى پەرمان ئىمزالاپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كابىنېت ئەزالىرىنى تەيىنلىدى.
      ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: قازاقىستاننىڭ سابىق بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى شۇكېيېۋ مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرى بولدى، مۇئاۋىن زۇڭلى ئورىنبايېۋ ئەسلى ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالدى. قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 8 - ئاپرېل نەزەربايېۋ كۆرسەتكەن زۇڭلى نامزاتىنى ماقۇللاپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن مەسىموۋنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولۇشىغا قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ۋە مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلى پېتى ساقلىنىپ قالدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر