موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئىقتىسادىي سودا ۋە خەلقئارا ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېليوۋمىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: موسكۋا شەھىرى 2008 - يىلى جەلپ قىلغان تاشقى مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ <قورغىنى> نىڭ تەسىرىدە، موسكۋا شەھىرىنىڭ تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش كۆلىمى زور كۆلەمدە تارىيىپ، 2010 - يىلى ئاران 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى. شۇ سەۋەبتىن، موسكۋا شەھىرى تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، تۈرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش كۆلىمىنى ئالتە ھەسسە ئاشۇرۇپ، كىرىزىستىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، موسكۋا شەھىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت، تاشيول، شەھەر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى، تۆمۈريول يېڭى لىنىيەسى، مىكرو ئېلېكتىرون، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياساش كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلماقچىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ