ئۆزبېكىستان چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ

0 2011-10-06 12:23:25   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پولات خوجايېۋ ئەلچىخانا يىغىن زالىدا رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلار ۋە بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇخبىرلارغا ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش ئەلچى پولات خوجايېۋ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇنداقلا بۇنى »ئۆزبېكىستان شەكلى« دەپ ئاتىدى. خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يىلىدا ئۆزبېكىستان كىرىزىسقا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى، نەتىجىدە ئىقتىسادتا تۆۋەنلەش كۆرۈلمىدى، ئەكسىچە ئىقتىسادتا ئېشىش ۋە سىجىل تەرەققىي قىلىش ھالىتى ساقلاپ قېلىندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2008 - يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %9، 2009 - يىلى %1.8، 2010 - يىلى %5.8 ئاشتى. خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۆزبېكىستان دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دېدى.
      باش ئەلچى پولات خوجايېۋ يەنە مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان تۆۋەندىكى 8 جەھەتتە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى خالايدۇ، يەنى:  (1) ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ (2)خىمىيە سانائەت ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ (3).ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛(4) ئۇچۇر ۋە ئالاقە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ (5) توقۇمىچىلىق سانائىتى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ (6) توقۇمىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ (7)ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ (8) ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر