خەلقئارا قىسقا خەۋەرلىرى

0 2011-10-03 12:37:10   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
پولشا ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ يەر شارى ئىقتىساد ئەركىنلىك دەرىجىسى رەت تەرتىپىنى تەكشۈرۈش  مەركىزىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۇرۇپ خەۋەر قىلىشىچە،پولغانىڭ بۇ يىللىق رەت تەرتىپى 53-ئورۇندا بولۇپ،بۇلتۇرقى 65-ئورۇندىن ئۆرلىگەن،ئەمما،ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئارقىغا تىزىلغان.بۇ يىللىق دوكلاتتا يەر شارىدىكى 141 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.


   مالى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ كۆزدىن كەچۇرۇش ئۆمىكى ئىلان قىلغان ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلگەن:خەلقئارا پاختا باھاسى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تەسىرىدىن بۇ يىل مالىينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 5.4 پىرسەنت،پۇل پاخاللىشىش نىسپىتى 3 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولغان.تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بىلدۇرشىچە،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مالى تەننەرخنى كونترول قىلىش،كىرىمنى ئاشۇرۇش ۋە ماكرۇلۇق ئىقتىسادىي ئىسلاھات قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۇنەرلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۇرگەن.


   ۋېيتنام ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،ۋېيتنامنىڭ 8-ئايلىق ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى 0.93 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ،بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئايلىق ئېشىش ۋەزىيىتى ئىكەن.ئەمما،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 23.02 پىرسەنت ئاشقان.بۇ يىل ئالدىنقى 8 ئايدا ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17.64 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، بۇ ھال مەزكۈر دۆلەتنىڭ پۇل پاخاللىشىش مەسىلىسىنىڭ نىسپەتەن ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


   ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىساد مېنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشىچە،2010-يىلى يىل ئاخىرى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى سانائەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىشتا يەنە يېڭى ئۆرلەش رېكۇرتىنى ياراتقان.يەنى سېلىنغان مەبلەغ  110 مىليارد دەرھەم(تەخمىنەن 30 مىليارد 100 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى)غا يېتىپ،2009-يىلى يىل ئاخىرىدىكىدىن 7 مىليارد 900 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر