ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ يېڭى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستاندا بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سېلىنما سوممىسى كۆپ ياكى ئاز بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى »قوشۇلما قىممەت بېجى، مال - مۈلۈك بېجى، ئاممىۋى قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي ئۇل مۇئەسسەسە بېجى، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىر تۇتاش بېجى، يول ياساش بېجى قاتارلىقلارنى مۇددەتسىز ھالدا كەچۈرۈم قىلىش« ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا ئېيتىلغان باج تۈرلىرىنىڭ كەچۈرۈم مۇددىتىنى سېلىنما سوممىسى بويىچە 7- 3 يىل قىلىپ بېكىتكەنىدى. بۇ ئېتىبار سىياسىتى ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن قارا قالپاقىستان، جىزاق ئوبلاستى، قاشقا دەريا ئوبلاستى، سىر دەرياسى ئوبلاستى، سۇرخان دەرياسى ئوبلاستى، خارەزم ئوبلاستلىرىغا، شۇنداقلا نەۋائى ئوبلاستى، ئەنجان ئوبلاستى، نەمەنگان ئوبلاستى ۋە فەرغانە ئوبلاستلىرىدىكى يېزا ئاھالە نۇقتىلىرىدىكى سىمسىز تېلېگراف ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى، يېنىك سانائەت زاپچاسلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قۇش گۆشى، قۇش تۇخۇمى ۋە باشقا يېمەكلىكلەر (ھاراق، سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش، خىمىيەلىك دورا قاتارلىقلاردىن باشقا) نى ئىشلەپچىقىرىدىغان تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ماس كېلىدۇ. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى كارخانىلارغا سېلىنىدىغان تاشقى مەبلەغكە كېپىللىك بەرمەيدۇ، شۇنداقلا چەت ئەل تەرەپ پاي ئۈلۈشىنىڭ كارخانا رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %50 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەت ئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى پۇلنى ئەركىن ئالماشتۇرۇش ياكى زامانىۋى تېخنولوگىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ كىرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىشى، باج كەچۈرۈم قىلىنىش مەزگىلىدە ئېرىشكەن تاپاۋەت تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ