سىياسى كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن سوتلاندى

02011-09-08 11:04:13    شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 جې جىياڭ ئۆلكىسى خۇ جوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت 6-چىسلا بىرىنجى سوتتا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن خاڭجۇ شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ جېڭخۇغا ئۈلۈم جازاسى بىرىش ، ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۇ مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ھۆكۈم چىقاردى .
سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە ، 2000-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدىن باشلاپ 2010-يىلى6-ئايغىچە ، ۋۇ جىڭخۇ خاڭجۇ شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانسى ،خاڭجۇ شەھەرلىك پېداگۇكىكا ئىنىستۇتى قارمىقىدىكى خەلق دوختۇرخانسى ۋە خاڭجۇ شەھەرلىك پېداگۇكىكا ئونۋىرسىتىتى قارمىقىدىكى خەلق دوختۇرخانسىنىڭ باشلىقى بۇلغان مەزگىلىدە ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش –خېرىدار بۇلۇش ، داۋااش ئۈسكۈنىسى ۋە دورىلارنى سېتىۋېلىش ، خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىش ۋە پۇل ھىساۋات قىلىش ئىشلىرىدا  ، ئىلگىرى ئاخىرى بۇلۇپ جەمئىي 16مىليۇن 190مىڭ700يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى پارە ئالغان . دىلو سادىر بۇلغاندىن كىيىن ، ۋۇ جىڭخۇ تەپتىش پارا ئالغان ھارام پۇلدىن10مىليۇن105مىڭ800يۈەننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرغان .
سوت مەھكىمىسى ۋۇ جۇڭخۇا دۆلەت خىزمەتچى خادىمى تۇرۇپ ، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، باشقىلارنىڭ قانۇنسىز بەرگەن مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ، ئۇنىڭ قىلمىشى پارە ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى ، ھەمدە پارە ئالغان سوممىسى زور بولۇپ ، جىنايى قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بۇلغان . ۋۇ جىڭ خۇ قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن ئەدلىيە ئورگانلىرى ئىگىلىگەن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغاندىن باشقا ، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئىگىلىمىگەن جىنايى قىلمىشلىرىنىمۇ ئىقرار قىلغان ، ھەمدە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ماسلاشقان ، جىنايىتىنى تونۇش ، تۆۋە قىلىش پوزىتسىيىسى ياخشى دەپ قاراپ يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغان .

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر